تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2645|ئىنكاس: 2

ھېيت ئىقتىسادىغا نەزەر (تەۋسىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-10-16 17:28:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ھېيت ئىقتىسادىغا نەزەر
ئابدۇۋەلى مەخپۇللا

(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى،
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى)

ھېيت ئىقتىسادى كەسىپ دائىرىسى جەھەتتە چوڭ جەھەتتە بايرام ئىقتىسادى دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھەرقايسى بايراملارنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈنچى كەسىپ تۈرلىرى بۇيىچە ئىپادىلىنىدۇ. رايونىمىزغا نىسبەتەن دۆلەت بەلگىلىگەن ھەرقايسى بايراملاردىن باشقا، روزى ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە نورۇز بايرىمى ئادەتتە بايرام ئىقتىسادى دائىرىسىگە كىرىدۇ ھەمدە رايون ئىقتىسادىغا ، بولۇپمۇ قەرەللىك ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . قۇربان ھېيت مۇسۇلمان قەۋۇمىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى سۈپىتىدە ھەر يىلى ھېيت ھارپىسىدا پۈتكۈل مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيتىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ، ھەرقايسى جايلارنىڭ سودا ئىقتىسادىنى قوزغىتىشتا، ئىچكى ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇشتا ، ئىستېمال كەسىپلىرىنى جانلاندۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
قۇربان ھېيتنىڭ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىش نۇقتىلىرى چوڭ جەھەتتىن رايونىمىزدىكى بەلگىلىك ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج تاۋاپ سەرپىياتى ۋە ھېيت مەزگىلىدىكى ئومۇم خەلقنىڭ بايراملىق كەڭ كۆلەملىك ئىستېمالى قاتارلىق ئىككى نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ھەر يىلى قۇربان ھيېت مەزگىلىدە ھەرەمگە ھەج تاۋاپ قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ يىللىق ئىقتىسادىي پائالىيتىدىكى ئەڭ مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى. بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مۇھىتىدىكى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن پۈتكۈل ھاياتىدا بىرەر قېتىم ھەج تاۋاپ قىلىپ ھاجى بولۇپ كېلىش بولسا ، شۇ كىشىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھەر يىلى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا  ئاپتونوم رايونىمىزدىن نەچچە مىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەرەمگە ھەج تاۋاپ قىلغىلى بارىدۇ. بۇلارنىڭ سانى ئوتتۇرچە ھېساپتا  3 مىڭ ئادەم-قېتىم بولىدۇ ، ھەر يىلى قۇربان ھېيت ھارپىسىدىكى مۇشۇ بىر تۈردىلا ئاز مۆلچەرلىگەندىمۇ 100 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ سەرپىيات مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ ئالاقىدار قاتناش-ترانسپورت، مېھمانساراي ۋە تاشقى سودا ئىشلىرىنىڭ ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قۇربان ھېيتنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بايراملىق ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زامان جەھەتتىن ھارپىدىن بۇرۇنقى ھەپتە-ئون كۈن ۋە ھېيت نامىزىدىن كېينكى نەچچە كۈن بولۇپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
ھېيتنىڭ ئالدىدىكى بىر مەزگىل ئىچىدە بازار مۇھىتىدا قايناق سودا كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ، ئاساسلىقى تۈۋەندىكى بىرنەچچە جەھەتلەردىكى ئىستېمال ئاشۇرۇلىدۇ. ئەڭ ئاۋال، قۇربانلىق قوينىڭ سويۇلىشى مۇسۇلمان ئائىلىلىرىگە نىسبەتەن ، قۇربان ھېيتىدىكى ئەڭ زۆرۈر ۋە مۇھىم بولغان چوڭ ئىستېمال ساھەسىدۇر . ھەر يىلى قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونمىز بۇيىچە بىرلا ۋاقىت بۆلۈكىدە نەچچە يۇز مىڭغىچە قۇربانلىق قوي سويۇلىدۇ. قۇربانلىق قوي ئادەتتە ئالدىن تەييارلىنىدۇ، شەھەر مۇھىتلىرىدا بولسا، كۆپىنچە ھارپا كۈنى جىددىي تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىدۇ .ھەرقايسى جايلاردىكى چارۋا باققۇچىلارغا نىسبەتەن، قۇربانلىق قوي بورداش ھەمدە شەھەر-بازارلارنى تەمىنلىگىلى ئەكىرىش بولسا، ناھايىتى مۇھىم تىجارەت پۇرسىتى ھېساپلىنىدۇ. مال باققۇچىلار بولسا، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە قولدا باققان قويلىرىنى ياخشى باھا بۇيىچە قولدىن چىقىرۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. نۇرغۇنلىغان قاسساپلار ھېيت مەزگىلىدە شەھەر-بازارلارغا تۈركۈملەپ مال كىرگۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.
قۇربانلىق قوينى تەييارلاشتىن باشقا ھەرقايسى ئائىلىلەردىكى ھېيت تەييارلىقى ئاممىۋى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەڭ ئاۋال، ئۆيمۇ –ئۆي زور تازىلىق ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆيلەرنى-قورا جايلارنى تازىلاش، تام-تورۇسلارنى ئاقارتىش، پەردىلەرنى ئالماشتۇرۇش، گىلەملەرنى يۇيغۇزۇش، ئۈستەل ياپقۇلىرىنى يەڭگۈشلەش قاتارلىق تەييارلىقلار ئىشلىنىدۇ.بىر قىسىم ئائىلەر ئۆي جىھازلىرىنى يېڭىلايدۇ ھەمدە ھېيت باناسىدا ئۆينى يېڭىۋاشتىن سەرەمجانلاشتۇرىدۇ. بۇ شۇ ساھەدىكى بۇلۇپمۇ شەھەر بىنا ئۆيلىرىدىكى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىك ئىستېمالىنى جانلاندۇرىدۇ.ئىككىنچى جەھەتتىن،ھېيتلىق داستىخان تەييارلاش ھېيت پائالىيتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەم مۇقەررەر بولغان ئىستېمال ساھەسى . بۇنىڭدا داستىخانغا تىزىدىغان ھەرخىل تاتلىق يېمەكلىكلەر، ساڭزا، پىچىنە-تورتلار، قۇرۇق مىۋە-مېغىز ۋە ھۆل مىۋىلەر راسلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ھەرقايسى تاللا بازارلىرى ، مەھەللىلەردىكى مەخسۇس دۇكانلار، ئۆي تائامىلىرى دۇكانلىرىنىڭ تىجارىتى بىرقەدەر جانلىنىپ كېتىدۇ. ئۈچۈنچى جەھەتتە، بولسا، ھېيتلىق يېڭى كېيىم كېيىشتە يېڭى ئىستېمال كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ. ئادەتتكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئائىلىرىدە ھېيتتا يېڭى كېيىم كىيىش بىر خىل ئىستېخيىلىك ئەنئەنىگە ئايلانغان. ھەرقايسى جايلاردىكى كېيىم-كىچەك دۇكانلىرى بولسا، ھېيت بازىرىنىڭ ئالدىدا تولۇق تەييارلىق قىلىپ، دۇكانلىرىغا يېڭى ماللارنى كىرگۈزۈپ، ھېيت مەزگىلىدىكى بازارنى تىجارەتنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ كۆزلەيدۇ، ھەتتا ھېيتتىن كېيىنكى ھېساباتنى يىللىق كىرىم-چىقىمنىڭ مۇھىم خۇلاسىسى دەپ قارايدۇ، شۇڭا، ئىمكان بار ھيېت مەزگىلىدە ماللىرىنى قولدىن ئوبدان چىقىرىپ، ھيېتنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزۈشكە، بىر يىللىق تىجارەتتىن كېينكى ھاردۇقىنى چىقىرىشغا ئالدىرايدۇ. تۆتىنچى جەھەتتىن، ھېيت مەزگىلىدە ئورۇق-تۇققانلار، سىرتتا تىجارەت قىلىۋاتقانلار ۋە كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار يۇرتلىرىغا ، ئۆيلىرىگە قايتىپ ئائىلە بۇيىچە جەم بولۇشقا تەييارلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ھەرقايسى جايلارنىڭ قاتناش تىرانسپورت ئىشلىرى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئادەتتە، ھەرقايسى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكەتلىرى، بويىز ئىستانسىسى، ئايرىدروم قاتارلىق ئورۇنلار ھېيىت مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش دولقۇنىغا ئالدىن تەييارلىق كۆرىدۇ ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قېتىم سانىنى كۆپەيتىدۇ.
ئۇندىن باشقا ، ھېيتنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتلار كىشىلەرنىڭ ئۆي يېڭىلاش ۋە ماشىنا ئېلىشى جەھەتلەردىكى ئىستېمال پىسخىكىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى. مەسىلەن، يېڭى ئۆي سېتىۋالغانلار بولسا، ھېيتتىن ئاۋالقى ۋاقىتلاردا ئىمكان بار ئۆينىڭ بېزەش ۋە جابدۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھېيتنى يېڭى ئۆيدە ئۆتكۈزۈشكە ئالدىرايدۇ. ماشىنا ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئائىلىلەر بولسا، ھېيت مەزگىلىدە يېڭى ماشىنا ئېلىپ، ھېيتىنى يېڭى بىر قىياپەت ياكى نەتىجە بىلەن كۈتىۋېلىشنى ئويلايدۇ. كىشلەرنىڭ ئىستېمال جەھەتتىكى بۇ پىسخىكىلىق ئالامەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆز كۆڭلىدە ھېيتنى ھەر يىلدىكى مۇھىم بىر ۋاقىت ۋە جەريان بەلگىسى ياكى كىشىلىك تۇرمۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان يېڭى باسقۇچ- پەللە  دەپ چۈشەنگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،شۇڭلاشقا ھېيت جەريانى ئارقىلىق مۇئەييەن ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېڭى بىر مەزگىلنى خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋېلىشنى ئويلايدۇ .
ھېيت نامىزىدىن كېيىن، تۇپىراق بېشىغا چىقىش، مەسچىدكە ئىئانە قىلىش، يۇرت مەھەللىلەردىكى يېتىم-يېسىر مۇساپىرلارنى يوقلاش،مۇسىبەتلىك ئائىلىلەردىن ھال سوراش، پەرزەنتلەر چوڭلارنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇش، بالىلارغا ، نەۋرىلەرگە ھېيتلىق بېرىش قاتارلىق بىر يۇرۇش ئالاقىدار ئىستېمالغا چېتىلىدىغان پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھېيت باشلىنىپ نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇرۇق-تۇققانلار ئارا،خولۇم-قوشنىلار ئارا ھېيتلىشىش داۋاملىشىدۇ، دوست-بۇرادەرلەر ئارا ، خىزمەتداشلەر ئارا ، تونۇش –بىلىشلەر ئارا يۇز تۇرانە ھېيتلىشىش ياكى تېلغوندا ئەھۋالىشىش داۋاملىشىدۇ. مۇشۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كۈنلەردىن پەرقلىق ھالەتتە بىر خىل بايرام مۇھىتىدىكى يېمەك-ئىچمەك، قاتناش ترانسپورت ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئىستېماللىرىنى مەركەزلىك ئىلگىرى سۈرىدۇ.  
ھېيت ئىقتىسادىنىڭ جايلارنىڭ ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى رولىنى چوقۇم تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئاخىرىقى تەسىردىن قۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئېلىمىز ئىقتىسادى ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچلۈك ئاشۇرۇشنى ماكرولىق سىياسەت جەھەتتە تەشەببۇس قىلماقتا. رايونىمىزغا نىسبەتەن ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن باشقا، قانداق قىلىپ رايونىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بولغان رايون ئىقتىسادىي پەرقىنى ئازلىتىش، بولۇپمۇ قانداق قىلىپ ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتىشنىڭ تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىش،قانداق قىلىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاللىق جەمئىيەتكە ئوخشاش ۋاقىتتا تەڭ كىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۇشكۈل ۋەزىپىلەر يۇكلەنمەكتە. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنىشتە، ئىمكان بار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي بۆلەكلىرىنى جانلاندۇرۇش ، بولۇپمۇ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى بارلىق قوزغاتقىلى بولىدىغان ئامىللارنى تولۇق قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ.رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بايرام ئىقتىسادىدا بولسا، ھەر يىلى روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت مۇئەييەن ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىماقتا، ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت مىللىي بايراملارنى يېڭىۋاشتىن قانۇنلىق بايرام قىلىپ، ھەپتىلىك ئىچكى ئىېھتىياجلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، رايونىمىزدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇھىم باھار بايرىمى دەپ قارالغان نورۇز بايرىمى تېخىچە قانۇنلۇق تەتىل ۋاقىتى بار بايرام قىلىپ بېكىتىلمىدى. ئالاقىدار ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئاپپاراتلىرى مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسلىنىپ نورۇز بايرىمىنى كەم دىگەندە ئۈچ كۈنلۈك قانۇنىي تەتىل بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن بولسا، ئۇ چاغدا ئاپتونوم رايونىمىزىدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايرام ئىقتىسادىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇغىلى، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىقتىسادىدا دۆلەت بايراملىرى بىلەن بىرلىكتە، ھەر پەسلدىكى يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى يېتىلدۇرگىلى، قەرەللىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى سىجىل غىدىقلىغىلى، يەرلىك ئىستېمال بازارلىرىنى جانلاندۇرۇش، خەلقنىڭ ئىستېمال قىلىش قىزغىنلىقىنى ۋاقىت ۋە ئىمكانىيەت جەھەتتىن قوزغاش شۇنداقلا كەسىپ قۇرۇلمىلىرىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت تەرەققىيات نىشانلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولاتتى.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-16 17:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلمەكچى بولغان قۇربان ھېيىت كەڭ سودىگەر دوستلارنىڭ ياخشى پۇل تېپىش پۇرسىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ مەزگىلدە قانچىلىك جاپا تارتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، كۆپرەك سودا قىلىۋېلىشنىڭ ئېپىنى قىلىڭ، كۆپرەك پۇل تېپىۋالسىڭىز ھېيىتتىن كىيىن ھاردۇقىڭىز بىراقلا چىقىدۇ !

ھەر قايسى جايلاردا يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان دوستلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىگىلىك تورىمىز ھەر قايسىڭلارنى قوللايمىز ! سودا ئۇچۇرلىرى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىمىز !

ناۋادا ھېيىت مەزگىلىدە كىيىم - كېچەك سودىسى قىلماقچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈڭ، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە سىزگە ياردەم قىلىمىز ! ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن پاسوندىكى ماللار بار، بىز شۇ ماللارنى سىزگە ئۇقۇشۇپ بەرسەك بولىدۇ، ئەلدىن - ئەلگە نەپ دەپتىكەن ! مۇشۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز ! بۇ مەزگىلدە بۇ تىجارەتنىڭ پايدىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.
ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

بىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز،
تېلېفون: 15999114171
ھۆرمەت بىلەن : ئىگىلىك تورى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-4 00:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىمىزدا ھېيت كېلىۋاتىدۇ، ئىگىلىكداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ئۆزىگە ئىلھام تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-13 09:50 , Processed in 0.352905 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش