تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 5741|ئىنكاس: 10

قايسى تۈرگە مەبلەغ سالسا ئەڭ ياخشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-5-20 17:51:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىلىك مۇنبىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىڭلارغا باغلاپ ئەمەلىي نەپ ئالالىساڭلار بىز قىلغان خىزمەتلىرىمىزدىن رازى بولىمىز !
ۋاقتى: 2012-5-20 13:09:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن، پايدىلىنىش  قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى،مۇشۇنداق تېمىلاركۆپ بولسا ئادەمنىڭ كاللىسىمۇ ئېچىلىپ قالدىكەن...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-20 11:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قايسى تۈرگە مەبلەغ سالسا ئەڭ ياخشى
ئىگلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشتا قايسى مەسىللەرگە بەكرەك دىققەت قىلىش كىرەك؟ ئىگلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشتا قانداق ماھارەتلەر بولىشى كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئىگىلىك تىكلەشكە سالغان مەبلەغدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
بۇ ماقالىنىڭ توردا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 100مىڭ قېتىمغا يەتكەن ، سەۋەبى جوۋشىياۋچىياڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىك  ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرىنى تەپسىلى، ئەمىلىي ھالدا يەكۈنلەپ چىققان. جوۋشىياۋچىياڭ ئەپەندى سودا ساھەسىدىكى تۇنجى قەدىمىنى 200كوي پۇل بىلەن يايما دۇكىنى ئېچىش ئىشىدىن باشلاپ، 10 يىلدىن كۆپرەك جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ،ئاخىرى يىخۇاگۇڭ گىرىم بويۇملىرى ماركىسىنى بەرپا قىلدى. ھازىر 180دىن كۆپرەك گىرىم بويۇملىرى ئورنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسۋەتتە. مىڭدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىچىدە بىردىنبىر بولۇپ ،ياۋرۇ ئامرىكا ،ھەتتاكى جەنۇبى ئاسىيادىمۇ بازىرى ئىتتىك بولۇپ، ھەر يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 10مىلىيون شىياڭگاڭ پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن ،ھەمدە ئىگىلىك تىكلەشتىكى تەجرىبىلىك نەمۇنچى دەپ نام ئالغان.
بىزنىڭ ئىگلىك تىكلەشتىكى مەخسىتىمىز نىمە؟ بەزىلەر چۇقۇم كەلگۈسىدىكى ئائىلەم، ماشىنا، ئايالىم ،بالام ئۈچۈن دەيدۇ، ئەلۋەتتە نامرات ۋاقتىمىزدا ئارتۇقچە نىشانىمىزمۇ بولمايدۇ، بىزنىڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنىمىز بولسا، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كۆز ئالدىمىزدىكى قورساق توق، كىيىم پۈتۈن بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش .ئەمما قورسىقىمىز توق ، كىيمىمىز پۈتۈن بولۇش مەسلىسى ھەل بولعاندىن كىيىنچۇ؟ يەنىلا دىسەم، ئەمىليەتتە ،قورسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن ئاسان، ئەمما ھەقىقىي ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئايلىنىش ئىنتايىن قىيىن ئاز بولمىغان كىشىلەر مەندىن سىز ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭىز ،ئۇنداقتا بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟  بىزگە دەپ بەرسىڭىز؟ دەپ سوراشتى.
مەن مۇنداق جاۋاپ بەردىم :پەقەت پايدىغا ئېرىشكەنلىكلا ئىگىلىك تىكلىگەنلىك ھېساپلانمايدۇ، ئۇ پەقەت سالغان دەسمايىنىڭ پايدىسى خالاس، ئۇنداقتا ئىگىلىك تىكلەش دىگەن نىمە؟ جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغان يېڭى بىر مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە شۇ كەسىپنى قوغداش، جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇش ،مانا مۇشۇلار ئاتالمىش ئىگىلىك تىكلەشتۇر. ئەلۋەتتە،نۇرغۇن كىشىلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىك تىكلەشنى مۇشۇنداق ئاددى دەپ قارايدۇ، سىز تېخى تۇرمۇش كەچۈرۈش مەسلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلماي تۇرۇپ، كۆپ پايدىغا ئېرىشىشنى ئويلاش ئارتۇقچىمۇ قانداق؟ كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم ، ئەگەر  سېلىنما مەبلەغ ئىگىلىكىدىن پايدىغا ئېرىشەلىسە، قىممەت بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان يولدىنمۇ تەڭپۇڭلىقنى ساقلىيالايدۇ، مۇنداق تاپقان پۇل ئۇزۇن مۇددەتلىك بولالايدۇ. ھازىر بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇرۇن پۇرسەت ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ھازىر ئۆز ئالدىغا ماگزىن ئاچسا ئون يىگىرمە مىڭ سوم كىتىدۇ. سىز دەپ بېقىڭ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بارغانسىرى قىيىنلىشىشمۇ توغرا ،پۇل تېپىشمۇ تەس، نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرى بارغانسىرى مۇكەممەللەشتى، بۇنىڭدىن كاۋاك ئىزدەشكە ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتكە ھەقىقىي قىممەت يارىتىپ بىرەلىگەندىلا ئاندىن جەمئىيەتنىڭ جاۋاپ قايتۇرۇشىغا ئېرىشەلىدى.
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلدۇق ،سېلىنما مەبلەغ ئىگىلىكىنىڭ ئېنىقلىمىسمۇ ئېنىق بولدى ، يولىمۇ ئىنتايىن چۈشۈنىشلىك بولدى، شۇ ئىشقا ھەركەتلىنىشتىن بۇرۇن ،بىز چۇقۇم  ھەر تەرەپتىن ئىنچىكە تەھلىل قىلىشىمىز كىرەك، پات ئارىدا جەمئىيەت ئۈچۈن قانداق يېڭىلىق يارىتىپ بىرەلەيمەن،قانداق قىلىمەن؟ نەزىرىيە سۆزلىسەك يىتەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا بىر ئەمىلىي مىسال ئالايلى؛ مەن ئۆزۈمنى  ئېلىپ ئېيىتسام ، مەن دەسلەپتە ئىگلىك تىكلەشكە باشلىغان ۋاقىتتا ، زادى نىمىنى قىلالايمەن دىگەننى ئويلايىتتىم، ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن ئاددى ئويلاپتىكەنمەن . ئۇ بولسىمۇ جەمئىيەتتە نىمە كەم بولسا شۇنى قىلىش. شۇنىڭ بىلەن ئېلىپ - سېتىشتەك زەنجىرسىمان سودا شەكىلىنى ھاسىل قىلدىم، ئۇ ۋاقىتتىكى جاپانى دىمەيلا قۇياي ،زىيانمۇ تارىتتىم تېخى ،بۇ ئاقىۋەتلەرنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ باقتىم . دەرۋەقە رىقابەتچىلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن، بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئىشنى تاشلىۋەتكىلى بولامتى؟ مەن يانچۇقۇمدىكى بار - يوق 200 سومنى دەسمايە سېلىپ يايما ئاچتىم ،يەنى قىزلارغا كېرەكلىك بولغان  چاچ قىسقۇچ سودىسنى قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشنى قىلىدىغانلار  ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.  ئەمما ئاخىرغا كەلگەندە رىقابەتچىلەر بارغانسىرى كۆپەيگىلى تۇردى، شۇ ۋەجىدىن كۆپ جاپامۇ تارىتتىم،ھەتتا قەرىزدار بولۇپ كەتتىم. مەن نەق ئىككى ئاي ھېچ ئىش قىلماي، ئوبدان ئويلاندىم ،مەن جەمئىيەتتە زادى قانداق ئۇرۇنغا ئىگە بولۇشۇم كىرەك؟ مەن ئاخىر چۈشىنىپ يەتتىم . ئەمىليەتتە ، جەمئىيەت نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسا مەن شۇنى قىلسام بولىدىكەن .جەمئىيەتنىڭ ئېھتياجىنى قاندۇرالىسا، ئاممىغا ھەقىقىي نەپ بېرەلىسە ،ئاندىن جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىكەنمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن يا يېڭى تۈرنى ئىجاد قىلىپ بېرىشىڭ كېرەك ، ياكى جەمئىيەتنىڭ بايلىق مەنبەسىنى تېجەپ بېرىشىڭ كېرەك. ئېنىقكى بايلىق مەنبەسىنى تېجەش يېڭىلىق يارىتىشتىن كۆپ ياخشى. شۇنىڭ بىلەن نەزىرىمنى قىزلارغا قاراتتىم، مەن قىزلارنىڭ بايلىق مەنبەسىنى تېجەپ  بېرىش كېرەك دەپ ئويلىدىم . شۇنىڭ بىلەن يىخۇاگۇڭ گىرىم بويۇملىرى دۇكىنى ئاچتىم، قۇربىتىم يېتىشچە بايلىق مەنبەسىنى تېجەش ئۈچۈن ،تەنەرخىنى ئىنتايىن تۆۋەن بېكىتتىم ،بىر مەزگىل بۇ ئىشنى قىلىش ئارقىلىق مەن ھەممىنى چۈشەندىم، نىمىلا دىمەيلى، ئىگىلىك تىكلەش ، پەقەت ئامما ئۈچۈن بايلىق مەنبەسىنى تېجەپ بىرەلىگەندىلا ئاندىن قىممەتكە ئېرىشكىلى بولىدىكەن . ھازىر نۇرغۇنلىعان يىللار ئۆتۈپ كەتتى . يىخۇاگۇڭ گىرىم بويۇملىرى مەھسۇلاتى نۇرغۇنلىغان كونا - يېڭى خېرىدارلارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتى . مەھسۇلات تۈرىمۇ نەچچە مىڭ خىلغا يەتتى. ئارقىمىزغا نەزەر سېلىپ باقايلى مەن ساراڭ بوپقاپتىمەنمۇ. ئەمىليەتتە ئىنتايىن ئاددى ، يا ئاممىغا يېڭى مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بىرىشىمىز، ياكى ئاممىغا تەننەرخ ۋە خىراجەتنى ئىقتىساد قىلىپ بېرىشمىز كېرەك ، ئەستايىدىل ئويلىشىڭ، سىز زادى قايسىسىنى قىلالايسىز؟ قايسى كەسىپكە نىسبەتەن بەكرەك قىزىقىشڭىز بار؟ ھەر بىر كىشىنىڭ حاراكتىرى ۋە ئادىتىگە قايسى كەسىپ بەكرەك ماس كىلىدۇ؟ بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىپ ئاندىن ھەركەتلىنىڭ ، شۇندىلا توغرا يۆنىلىش بويىچە سودا ساھەسىدىكى خىرىستىن بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلىنىشىدىلا خاتا باسىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن مەبلەغ سېلىش ئىگىلىك تىكلىگەنلىك ھېساپلىنىدۇ.كۆڭلىدە  كۆپرەك پايدىغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، ئەپسۇس ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان  بولماي قالىدۇ.
گەپنى يىغىپ ئېيىتقاندا مەبلەغ سېلىش ئەمىليەتتە ئىنتايىن ئاددى ،ياكى بولمىسا ئاممىغا مەنبە يارىتىپ بىرىش ، ياكى بولمىسا كەڭ ئاممىنىڭ بايلىق مەنبەسىنى تېجەپ بىرىش. ئويلىنىپ بېقىڭ سىز قايسىسىنى قىلالايسىز؟ قايسىسىنى قىلىشنى بەكرەك خالايسىز مۇشۇ تۈرلەر ئىچىدە ئادىتىڭىزگە نىسبەتەن قايسى خىلى بەكرەك ماس كىلىدۇ؟ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كىيىن ھەركەتنى باشلاڭ! مۇشۇنداق بولغاندا ئېھتىمال توغرا يۆنىلىشنى تېپىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يۆنىلىشى باشلىنىشىدىلا توغرا ئەمەس، چۈنكى مەبلەغ سېلىشنى نۇقۇل ھالدا ئىگلىك تىكلىگەنلىك دىگەن خاتا كۆز قاراشنى يىتىلدۈرۋالىدۇ. مۇشۇنداق بولسىلا كۆپ پۇل تاپالايمەن دەپ ئويلايدۇ،ئەمما پۇل تېپىش بارغانسىرى قىيىنلىشىدۇ.
ئىگىلىك تورى ئالاھىدە تەييارلىغان، ھەر قانداق تور بەت ياكى ئورۇنلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە يول قۇيۇلمايدۇ !
تور بېتىمىزدىكى مەزمۇنلار سىزگە يارىغان بولسا، سىزگە ئازراق بولسىمۇ مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىگەن بولسا بىز قىلغان خىزمەتلىرىمىزدىن رازى بولغان بولىمىز ! بىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىڭىزلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز !


ھۆرمەت بىلەن: ئىگىلىك تورى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى
2012 - يىل 5- ئاينىڭ 20 كۈنى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-5-20 13:34:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى رىئاللىققا ئۇيغۇن ۋە ئەمىلى بوپتۇ  ، رەھمەت
ۋاقتى: 2012-5-20 20:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىق بەكلا كەمتەر  جۇمۇ'

باھا سۆز

ماۋۇ ئىنكاسنى...............  ۋاقتى: 2012-5-24 13:49
ۋاقتى: 2012-5-22 09:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مەن ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشىنىۋالدىم .
ۋاقتى: 2012-11-10 12:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
先生 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-22 09:20
مەن ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشىنىۋال ...

قانداق چۈشەندىڭىز ؟ سۆزلەپ باقمامسىز ؟ بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى.
ۋاقتى: 2012-11-11 13:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق چۈشەندىڭىز ؟
ۋاقتى: 2012-11-24 10:47:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم:   بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.  يادرولۇق مەسىلە:  يىڭى مەھسۇلات ياكى تۆۋەن تەننەرخ.  
           تۆۋەن تەننەرخنى بىكىتىشنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟
           ئەگەر سىز مەلۇم بىر مالنى سېتىۋاتقان بولسڭىز ھەم بۇ ماقالىنى كۆرۇپ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان بولسىڭىز.ئۇنداق بولسا مىلىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىغان ئاساستا ، مەھسۇلاتىڭىزنى ئوخشاش ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىدىن تۆۋەن ساتىسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئامما ئۈچۈن پۇل تىجەپ بەرگەن بولىسىز.

               ئۈرۈمچى يالۋاچ سودا چەكلىك شىركىتى
ۋاقتى: 2012-11-26 17:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىلىك تىلەش ھاقىقەتەن قىيىن. مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئىزدەنگۈچىلەرگە يەنىلا يول ئوچۇق
ۋاقتى: 2016-1-12 17:57:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-13 09:51 , Processed in 0.314533 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش