تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 3838|ئىنكاس: 15

50 مىڭ يۈەن بىلەن شىركەت قۇرغىلى بولمامدۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم  كارخانىچى،  تىجارەتچى  قېرىنداشلار ھەممىڭلار  سالامەتمۇ !؟
مەن  ئاقسۇنىڭ  شايار ناھىيسنڭ  يېزسىدا دۇكان ئاچىمەن . مىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنلا  شىركەت  قۇرۇش  ئارزۇيۇم بارئىدى. شۇ  ئارزۇيۇمغا  يىتىش  ئۈچۈن يوق ھىساۋىدا  50 مىڭ يۈەن پۇل جۇغلىغان ئىدىم .شۇ قىزغىلىقىمدا شىركەت قۇرغانلاردىن  مەسلىھەت ئالدىم. ئۇلار: سىز  بۇ  ئاز  پۇل  بىلەن  شىركەت   قۇرالمايسىز  .سىزنىڭ ھەم خەنزۇچە سەۋيىڭىز يوقكەن، تىلدا قىيلىنىپ قالسىز . سىز  شىركەت  قۇرسىڭىز  ئۈرۈمچىگە قۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۈرۈمچىدە ئۆي  ئىجارىسى بەك قىمەت، سىزنى شىركەت  قۇرۇپ مەھسۇلاتنى بازاغا سالدى،  دەيلى  لىكىن  ئېلان  بەرمسىڭىز  بازار تاپالمايسىز، سىزنىڭ  بۇ  ئاز  پۇلىڭىز  ئېلان بىرىشكىمۇ  يەتمەيدۇ  دەيدۇ  !
مەن  بۇ  ئاز  پۇل  بىلەن  كىچىكىرەك  بولسىمۇ   شىركەت   قۇرالماسمەنمۇ؟ بىر  ئۆمۈر  شۇ  كىچىك  دۇكاندا  ئۆتەرمەنمۇ؟
مۇنبەردىكى  تورداشلارنڭ  سەمىمىيلىك بىلەن  مەسلىھەت  بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ياردىمىڭلار بولسا ئايىمىغايسلەر ؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-23 06:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز مەسلھەت سورىغان شۇ ئاتالمش ‹‹كارخانچلار››سىزگە ھەققى راست گەپ قىلماپتۇ..ئۇلار سىزدىن قىزغىنپ قالغان چىغى. سىز نىمە ئۈچۈن ئۈرۈمچگە شىركەت قۇرغۇدەكسىز..
گىپمنى قۇلاق سېلپ ئاڭلاڭ:شايار ناھيلك سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارسغا كىرسڭز ھەممە ئەھۋال ئايدىڭلشدۇ.. ياكى ئاۋارچلق كۆرسڭىز كۆرسڭىز كەسپى شىركەتلەرگە مۇراجئەت قلسڭىز شۇلار بجرىپ بىرىدۇ.. سىزگە بىر ئىشنى ئەسكەرتپ قۇياي.. سودا دۇنياسدا بىرەر ئىش تەۋرەتمەكچى بولسڭز ئەگەر سىزنىڭ شىرىكڭىز بولمسلا پىلانڭىزنى ھەرقانداق ئادەمگە مەسلەن ئاتا ئانڭىزغىمۇ دىمەڭ... ئىش باشلاشتىن ئاۋال قانچە كۆپ ئادەمگە ئاشكارلسڭىز مەغلۇبيتڭىز شۇنچە تىزلشدۇ..
ئادەتتە سىز دەسلەپ ناھىيە دەرجلك بىر شىركەت قۇرۇپ ئەمەلى ئىش قىلسڭىز بۇلدۇ.. بۇنڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۇۋەن خەلق پۇلى بۇلۇشى كىرەك.. بۇ پۇل سىزنىڭ ياكى كىمنڭ بۇلۇشدىن قەتئينەزەر سىزنىڭ بانكدىكى ھىساب نۇمۇرىڭىزدا ئون بەش كۈن تۇرۇشى كىرەك... ئەلۋەتتە باجنىمۇ شۇ 30 مىڭ سومغا قارتا تۈلەيسىز..بىرەر مەھسۇلاتنى بازارغا سېلپ سىناپ باقسڭىز بۇلدۇ... بۇ ئۈرۈمچدە ئاتالمش پالانى خەلقئارا سودا شىركتى قۇرىۋىلپ كەچكچە ئىشخانا بېقپ ئىشخانا ئىجارىسغا قەرىزدار بۇلۇپ ئولتۇردىغان ‹‹يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركتدىن ›› ياخشى.... تىلنى ئۈگەنسڭزبۇلدۇ.. باشقا ئىشلارنى شىركەتنى قۇرغاندىن كىين ئاستا ئاستا ئۈگنسىز... ئەگەر شىركەت قۇرۇپ مۇنتىزىم تىجارەت قىلش پەقەت ئېغىزدا دەپ قويغان گەپ بولسا مەن بۇ گەپلەرنى سىزگە دىمگەن بۇلاي .....
قىينچلق بولسا 13399787739 مۇشۇ نۇمۇرغا تىلفۇن قىلڭ... مەن سىزگ ياردەم قىلش ئۈچۈن ھەرۋاقت تەييار...
ۋاقتى: 2012-5-25 17:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن سىزنىڭ غەيرىتىڭىزگە ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپرىن ئۇقۇيمەن !
50 مىڭ بىلەن شىركەت قۇرغىلى تامامەن بولىدۇ. بىراق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالىدىغان ئويىڭىز بولسا بەلكىم مەبلىغىڭىز خېلىلا كەملىك قىلىشى مۇمكىن!
مەسىلەن: سىزنىڭ شىركەت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىڭىزگە 5000 ئەتراپىدا پۇل كەتتى دىسەك (ھەممە ئىشلىرىغا ئۆزىڭىز يول مېڭىپ)، شىركەتنى چۇقۇم ئۈرۈمچىدە قۇرىشىڭىز شەرت ئەمەس، سىزمۇ ئاڭلىغان بولغىيىتىڭىز ؟ شايار ناھىيىلىك **** شىركىتى دىگەندەك شىركەتلەرنى، ئۇنداقلار ناھىيە دەرىجىلىك شىركەتلەر ھېسابلىنىدۇ، سىزمۇ شۇنداق شىركەت قۇرسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن باشقا شىركەت ئورنىنى بېكىتكەن ئىشخانا ئىجارىسى، خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان مۇئاش، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارسىڭىز ساقلايدىغانغا ئىسكىلات، شۇ مالنى توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنا (ئاز دىگەندە 1 دانە)........... دىگەندەك بىر قاتار چىقىملار سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ !دىمەكچى بولغىنىم، دەسلەپكى مەبلەغ بىر گەپ ، ئايلانما مەبلەغ يەنە بىرگەپ!  سىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىمەن دىسىڭىز ئايلانما مەبلەغ يېتەرلىك بولمىسا بازار ئېچىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىدا قىينىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق بىلەن ئىشنى مۇكەممەل باشلىمىسىڭىز شىركەت قۇرۇپ چوڭ ئىش قىلىش تۈگۈل 4 كۈندىلا دەسمايە غالتەككە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاز مەبلەغ بىلەن ئىش باشلايدىغان ئىش بولسا ئاز مەبلەغ كېتىدىغان كەسىپلەرنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!
مەسىلەن: ھەرخىل مۇلازىمەت شىركىتى دىگەندەك !

ناۋادا چۇقۇم ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە ئىش كۆرىمەن دىسىڭىز ئىشەنچلىك كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، پىلاننى پۇختا تۈزۈپ يېتەرلىك مەبلەغ بىلەن ئىش باشلىسڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن! شىركەت قۇرىمەن، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىمەن دىيىش ئاسان، بىراق شۇ مەھسۇلاتنى قانداق يول بىلەن ئىشلەپچىقىرىمەن، قانداق بازارغا سالىمەن؟ قانداق كىشىلەر مىنىڭ خېرىدارىم بولالايدۇ ؟ كىيىن يەنە قانداق تەرەققىي قىلىش تۈرلىرىنى كېڭەيتسەم بولىدۇ؟ دىگەنلەرنى ئەتراپلىق ئويلاشمىغاندا ئاسانلا مەغلۇپ بولۇپ قالىدىغان ئىش.
سىزمۇ دىققەت قىلىۋاتقانسىز ؟ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن يېڭى شىركەتلەر شۇنداق تېز سۈرئەتتە قۇرۇلىۋاتىدۇ، يەنە شۇنداق تېز سۈرئەتتە بازاردىن چىكىنىپ چىقىپ يوقىلىپ كېتىۋاتىدۇ... بۇلار نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئەجىبا شۇلار مۇنداقلا قۇرۇلۇپ قالغان شىركەتلەرمىدۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس، شىركەت قۇرغان كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز كۆڭلىدە خېلى چوڭ ئارزۇ ئارمانلارنى پۈكۈپ شۇ شىركەت كارخانىسىنى قۇرىدۇ، بىراق مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىلىلەرنى توغرا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يوق بولىشى تۈپەيلىدىن ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ شۇ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى، ئۆزىنىڭ سالغان مەبلىغىنىمۇ قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيلا ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ...

ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم، ئويلىشىپ ئىش قىلىڭ! يۇقىرىدا دىگەندەك  شۇ پۇل بىلەن شىركەت قۇرغىلى تامامەن بولىدۇ، بىراق شىركەت قۇرۇپ نىمە ئىش قىلىشنى، قانداق قىلىشنى ياخشى ئويلىشىپ قىلىڭ!
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ! بۇنىڭدىن كىيىن ھەر قانداق ئىش بولسا ئىگىلىك تورى سىزگە ھەمراھ ! سىزگە قولىمىزىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ياردەمنى ئايىمايمىز ! ئامان بولۇڭ !
ۋاقتى: 2012-5-25 00:12:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە سىزنىڭ قانداق شىركەت قۇرماقچى بولغانلىقىز ، ھازىر قايسى ساھەدە، قانداق شىركەت قۇرماقچى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويمامسىز.

مەندە 20 مىڭ يۈەن بار، سىزنىڭچە ئۇنىڭغا ماشىنا سىتىۋالالامدىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-25 00:14:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  يەنىلا   ئارزۇيۇمنى يېزشنڭ  ئۇنتۇپ  قاپتىمەن :
مىنڭ  ئارزۇيۇم  گىرىم  بۇيۇملرى شىركىتى .چاچ  سۇپۇن   يۇز ماي  دىگەندەك  يا   بولمىسا  ئۇقۇغچىلار سومكىسى .تىرشچان سومكىلرغا   ئوخشاش   !
ۋاقتى: 2012-5-25 00:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىقنىڭ گىپى بويچە كىچە ئۇزۇن بولسا چۈش كۆپ بولدۇ،30 مىڭ يۈئەندىن ئاشسا شىركەت قۇرغىلى بولدۇ،بۇ ئەمدى سىزنىڭ قانداق خاراكتىردىكى شىركەت قۇرۇشىڭىزغا باغلىق،تەپسىلاتىنى يەنىلا بىزنىڭ ئاتامان دىسۇن،15999114171 ئۇ سىزگە يول كۆرسىتىدۇ،شۇنى ئىزدەڭ؛
ۋاقتى: 2012-5-25 01:52:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان ماۋۇ قىرىنداشقا بىر  يول  كورسەتكەن    بولسڭىز باشقىلارمۇ پايدىلانساق  دەيمەن  رەخمەت سىزگە چەكلىك ھاياتىڭىزغا چەكسىز بەخىت تىلەيمەن   ئاللاغا ئامانەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-25 20:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەلىم بەرگىنڭزگە   رەخمەت!
ۋاقتى: 2012-5-25 21:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم  يېڭى تىپتىكى توكلۇق ماشىنا ياساشقا مەغ سالامسىز يا؟ ئويلۇشۇپ بېقىڭە؟
ۋاقتى: 2012-5-26 00:11:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ،ئىگىلىكتە يىڭى تىپتىكى توكلۇق ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك تېما بار ، ئاۋا كۆرۈپ بىقىڭ، مىنىڭچە ئۇ تۈرنىڭمۇ ئىستىقبالى پارلاق.
ۋاقتى: 2012-5-30 11:12:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئالدى بىلەن دۇكىنىڭىزنى كىڭەيتىپ چوڭىراق تىپتىكى تاللا بازىرى ئىچىڭ،
تىجارەت دائىرىڭىز كىڭىيگەندىن كىيىن ئۆزرايونىڭىزنىڭ،ئۆزبىلىمىڭىزنىڭ سەۋيىسىگە ئاساسەن،بازار كۆزىتىڭ،ئالىي مەكتەنى پۈتتۈرگەن ياشلاربىلەن كۆپرەك سىردىشىڭ،شىركەت ئاچقان كىشىلەر بىلەن دوسىت بۇلۇڭ.
شۇ رايوندىكى ئۆزگە خاس مەسھۇلاتنى تاللاپ تۇرۇپ تىجارەت باشلاڭ،ھەرقانداق نەرسە كەسىپلەشسە تەرەققىيات ئىستىقبالى يۇقىرى بولىدۇ،بىراق بۇنىڭغا ۋاقىت كىتىدۇ...

فورمىلادىن بىرنى دەپ بىرەي...

1.تەپسىلى پىلان تۈزۈڭ؛
2.ھەركەتنى دەرھال باشلاڭ؛
3.پىلانىڭىزنى ھەركىتىڭىزگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ؛
4.ئاغىرغىچە چىداڭ...............

ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن....
ۋاقتى: 2012-7-26 14:58:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىركەت كۇرۇش باشقا ئىش لېكىن شىركەتنى قۇرۇپ بۇلۇپ قىلىدىغان سودىڭىزنى ئوبدان ئويلىشىڭ.............شۇ تىجارىتىڭىزگە قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ؟ دىگەنلەرنى............
50 مىڭ يىۋەن تامامەن يىتىدۇ............تىرىشساق تاپارسەن،،،،،،،،،،،ھەممە كىچىكىدىن باشلىنىدۇ، لېكىن ھەممە قەدەمنى پۇختا ئالدىرماي سۇغۇققانلىق بىلەن بېسىشىڭىز كىرەك..........
ۋاقتى: 2013-4-6 17:51:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئادەم بولسا 30 مىڭ يۇەن بولسا بولىدۇ ، ئەمما بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز شىركەت قۇرماقچى بولسا 100 مىڭ يۇەن بولىشى كېرەك دىگەن ئىدى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇشىدىكىلەر .

باھا سۆز

شۇنداق، شىرىكلەشكەن كارخانا قۇرماقچى بولسىڭىز ئەڭ تۆۋەن تىزىملاتقان مەبلەغ 30 مىڭدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك، يا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-4-6 19:30
ۋاقتى: 2013-4-6 19:30:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركى يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 17:51
ئىككى ئادەم بولسا 30 مىڭ يۇەن بولسا بولىدۇ ، ئەمما بىر ئ ...

شۇنداق، شىرىكلەشكەن كارخانا قۇرماقچى بولسىڭىز ئەڭ تۆۋەن تىزىملاتقان مەبلەغ 30 مىڭدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك، يالغۇز ئىگىدارچىلىق شىركەت بولسا 100 مىڭدىن ئېىشى كېرەك.
ۋاقتى: 2013-4-8 04:27:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ چىمۇ  ھازىر  قىلۋاتقان  تىجارەتنى  كەڭەيتىش  كېرەك  چۇنكى بۇ  تىجارەت سىزگە تۇنۇشلۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-13 09:53 , Processed in 0.407549 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش