تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1235|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇرچە ماركىدىكى لامپۇچكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مىنىڭ بىر يېقىن ئاغىنەم ئۇيغۇرچە ماركىدىكى لامپۇچكا ئىشلەپچىقىرىشقا مەندىن مەسلىھەت سورىغان ئىدى.ئەمما مىنىڭ لامپۇچكا توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم بەك ئاز ،شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرى بولسا ئايىماي مۇنازىرە قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن.مەن ئىككى خىل پىلان ئوتتۇرغا قويدۇم قايسىسى مۇۋاپىق بولار بىلمىدىم:

1.لامپۇچكا ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ؟پايدىسى قانچىلىك؟ئەڭ تىز بولغاندا قانچىلىك ۋاقىتتا مەبلەغنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىشى مۇمكىن؟ئۇيغۇرچە ماركىدىكى لامپۇچكا بازاردا بارمۇ؟بار بولسا بىز قانداق ئالاھىدىلىكىنى ياخشىلىسىاق بولىدۇ؟ناۋادا زاۋۇت قۇرساق قايسى جەھەتتىن بەك دىققەت قىلىشىمىز كىرەك؟بىر مۇنازىرە قىلىپ باققان بولساق!
2
.ناۋادا بىز زاۋۇت قۇرۇپ يۈرمەي ئىچكىردە زاۋۇتلار بىلەن ھەمقارلىق ئورناتساق،ئۇيغۇرچە ماركىدا ئىشلەپ چىقارساق قانچلىك مەبلەغ كىتىشى مۇمكىن؟قانداق تىپتىكى لامپۇچكىلارنىڭ بازىرى تېز؟ئەگەر مۇشۇ ئىشقا مەبلەغ سالساق مەبلىغىمىز قانچىلىك ۋاقىتتا قايتىپ كىلىشى مۇمكى؟ناۋادا مەغلۇب بولساق قايسى تەرەپتىن مەغلۇب بولىشىمىز مۇمكى؟ناۋادا مۇشۇ ساھەدىن بىلىدىغانلىرىڭىز بولسا ئايىماي ئوتتۇرغا قويۇپ بەرگەيسىز.رەھمەت!
ۋاقتى: 2013-4-4 15:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئوي خىيالىڭلار باركەن ئەمما مەن بىلمەيمەن تىرشىڭلار مىللىتىمنىڭ بىر زاۋۇتى كۆپەيسە مەن بەك خوش بولىمەن. ئامالبا بى زاۋۇت قۇرۇڭلار قاچانغۇچە خەقنىڭ نەرسىسىگە ۋاكالەتچى بولۇۋىرمىز دەيمە
ۋاقتى: 2013-4-4 22:09:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم يوق دىيەرلىك، شۇنداق بولسىمۇ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي:
زاۋۇتقا قانچىلىك مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، بىراق بىلىشىمچە ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە ماركىدىكى لامپۇچكا يوق. ھازىر ياخشى بولىدىغان مەھسۇلات ئېنىرگىيە تېجەيدىغان لامپۇچكىلار بولىشى مۇمكىن. ناۋادا تېخنىكا يېتىشسە تېخىمۇ بەكرەك ئېنىرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئىشلىسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن، ھەمدە بۇنىڭدا دۆلەتنىڭ ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكىلى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىشى مۇمكىن.
ناۋادا مەبلەغ يېتىشمەيدىغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرچە ماركىدا ئىشلەپچىقارماقچى بولسىڭىز دەسلەپكى مەبلەغ تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك جەھەتتىن بولىشى مۇمكىن.
1. شىركەت ۋە ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش
2. مەھسۇلات لايىھەسى
3. زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە مۇقىملاش
4. ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن مەزكۇر زاۋۇتقا بېرىش
5. توختام مەزمۇنى بويىچە دەسلەپكى زاكالەت ھەققى تاپشۇرۇش
6. ئىشلەپچىقىرىش سانىنى بېكىتىپ زاكاس بېرىش
7. ئىشلەپچىقىرىپ بولغان مەھسۇلاتنىڭ پۇلىسىنى تۆلەش
8. توشۇش تەننەرخى
9. ئىسكىلات ئىجارىسى
10. توشۇشقا ئىشلىتىدىغان قاتناش قورالى
11. ئىشلەپچىقىرىپ بولغان مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىش (نەق، نىسى بولىشى ئېنىق)
12. ئېلان تەشۋىقاتىنى قىلىش ....

دىگەندەك !

توشۇش تەننەرخى كۆپرەك بولىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ يىنىك ئەممە يەر ئىگىلەيدىغان مال بولغاچقا توشۇش تەننەرخى ئېشىپ كېتىپ مالنىڭ تەننەرخى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان سەۋەبلەر بىلەن تەننەرخى ئېشىپ كەتسە سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ئادەتتىكى بازاردا سېتىلىۋاتقان ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتلاردىن باھاسى يۇقىرى چىقىپ قالسا بازىرىڭىز كاسات بولۇپ قېلىشى ھەتتا سېتىلماي قېلىشى مۇمكىن...

يەنە باشقا ئىشلارنى داۋاملىق مۇنازىرە قىلىپ باقساق ...
ۋاقتى: 2013-4-5 00:55:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز
ۋاقتى: 2013-4-5 21:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2013-4-6 11:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ_CC151A يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 19:18
مۇشۇ ئۇيغۇرچە ماركا باسقاندىن كېيىن زاۋۇتلار قەستەن ن ...

بۇنداق ھەممە نەرسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسڭىز بولماس؟
نۇرغۇن سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىمىز بارغۇ ؟ ئۇيغۇرچە ماركىلىق؟!
سىز دىگەن مەسىلىمۇ يوق ئەمەس، بۇنىڭدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكىدەك تەھلىل قىلىش مۇمكىن.
بۇ خىل مەھسۇلات ئاللىبۇرۇن باشقىلارنىڭ زاۋۇتىدا باشقا ماركىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارنى ئىگىلەپ بولغان، ئۇيغۇرچە ماركىدا قىلسا ناھايىتى ئاسانلا تۇنۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، (چۈنكى يېڭىلىق بولىدۇ ئەمەسمۇ) شۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر كارخانىچى بۇ خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ، زاۋۇت ئىزدەيدۇ، بازار تەكشۈرىدۇ، ئارىلىقتىكى ھالقىلارنى ئويلىشىدۇ، چىقىملارنى ھېسابلايدۇ ...
تاپقان زاۋۇتلاردىن بىر قانچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن باھادا كېلىشىدۇ، بىرىنچى قېتىمدا خېلى كۆپ مەبلەغ بىلەن ئىش باشلاش كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتلىرى تېزرەك بازارغا سېلىپ پۇلغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ تېز سۈرئەتتە خېرىدارغا بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ماركىدا بازارغا سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك ... بىراق خېرىدار دىگەن باھاسى ئەڭ ئەرزان، سۈپىتى ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتنى ياخشى كۆرىدۇ. لىكىن دۇنيادا بۇنداق مەھسۇلات يوق ! قانداق قىلىش كېرەك ؟ باھانى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سۈپىتىنى سەل ئادەتتىكىچە قىلىش كېرەك، سۈپىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن باھاسى يۇقىرى چىقىپ تەننەرخى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ ...

باھا سۆز

دىگەنلىرىڭىىزمۇ ئورۇنلۇق....  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-4-7 12:48
ۋاقتى: 2013-4-7 12:48:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
igilik يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 11:16
بۇنداق ھەممە نەرسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسڭىز بولماس؟
ن ...

دىگەنلىرىڭىىزمۇ ئورۇنلۇق....
ۋاقتى: 2013-4-30 14:15:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىندىشىم مەن5خىل مىتال دۇكۇنى ئاچىمەن ئۇيغۇرچەلامپابارئاق يۇلتۇزدەپ بۇلامپابەك ياخشى يەنى3ئايغىچەئالماشتۇرۇش ۋاختىمۇبا بىزسىتىپ3ئاي ئېچىدە كۆيۇپ كەتسە ئالماشتۇرمىز،بىزگىمۇئالماشتۇرۇپ بىردۇ 1يىل غىچە.ئەگەرسىزشۇنداق لامپا ئېشلەپ چىقارسىڭىزمەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ مەن سىتىشىپ بىرەي.چچ1932734244
ۋاقتى: 2013-5-10 18:32:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئۇيغۇرچە ماركا باسقاندىن كېيىن زاۋۇتلار قەستەن ن
بۇنىمۇ بىرنەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ بىراق ،بىز  مۇشۇنداق ئىزدىنىۋاتقان ۋە تىرشىۋاتقانلارنى  ۋەنىۋى  ۋە ماددى جەھەتتىن قوللىشىمىز كىرەك ،بىز پەقت مۇشۇنداق قوللاشنى توختۇتۇپ قويمىساقلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللا خالىسا  بىزنىڭ  ھەقىقى مىللىچە كارخانىللىرىمىز ،ئۆز ماركىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنى بازاغا سالسا ياخشى ئەمەسمۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-17 18:03 , Processed in 0.333833 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش