تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 12634|ئىنكاس: 31

قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى جەمگاھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى جەمگاھى

قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياقتۇرىدىغان بىر خىل ئىگىلىك تىكلەش شەكلى، بىراق قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ياخشى بىر ئىگىلىك تىكلەش تۈرى تاللاش كېرەك، ئۇنداقتا قانداق ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ؟ تۆۋەندە قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان تۈرلەر توغرىسىدا توختىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ئىگىلىكداشلارغا ئاز بولسىمۇ ئەمەلىي نەپ بېرەلىسەك بىز قىلغان خىزمەتلىرىمىزدىن رازى بولغان بولاتتۇق.

1. مال توشۇش ئورنى
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مال ئوبرۇت ئورۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسىرى تېز بولماقتا، بۇ تۈر بىلەن شۇغۇللانغاندا دەسلەپتە مەلۇم شىركەتنىڭ تارماق ئەزا دۇكىنىنى ئېچىش ئارقىلىق ئىش باشلىغاندا ناھايىتى ئاز مەبلەغ بىلەنلا ئىش باشلىغىلى بولغاندىن سىرت باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.


2. يېزا ئىگىلىكى
يېزا ئىگىلىكى بارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى. يېزا ئىگىلىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەممۇ ناھايىتى كۆپ، رىقابەت كەسكىن، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىككە بولغان قوغداش سىياسىتىمۇ ناھايىتى كۆپ. بىراق، يېزا ئىگىلىكىگە سالغان مەبلەغنىڭ قايتىپ كېلىش مۇددىتى بىر قەدەر ئۇزۇن، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان تەسىرلەرگە (تەبئىي ئاپەتلەرگە) ئۇچراش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ، بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىشنىڭمۇ خەتىرى بىر قەدەر چوڭ !، بىراق ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ساياھەت تۈرلىرى تەرەققىيات ئىستىقبالى زور، پايدىسى كۆپ، تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىش باشلىشىغا ئەرزىيدۇ !


3. قول - ھۈنەر تۇقۇمچىلىق كەسىپلىرى
ھەمكارلىق كوپراتىۋى شەكلىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك تۇقۇمچىلىق بويۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانغاندا، بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنى بىر يەرگە توپلاپ، مۇئاش بېرىش شەكلى ئارقىلىق ئىش باشلىسا بولىدۇ. بۇ تۈرنى ياخشى قىلالىغاندا پايدىسىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۆي ئىچىدىلا مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ.

بۇ تېمىنىڭ داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ. قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىگە قىزىقسىڭىز داۋاملىق بۇ تېمىغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ !

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-23 12:40:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
16853534786974346316.jpg
4. ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك تۇنۇشتۇرۇش ئورنى
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئادەم كۈچى، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىدە تەربىيەلەش قاتارلىقلار كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى تولۇقلىۋالغاندىن كىيىنلا تىجارەت باشلىغىلى بولىدۇ. تىجارەت دائىرىسىنى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، ئىشقا تۇنۇشتۇرۇش، ئېلان تەشۋىقات، تازىلىق ... قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

باھا سۆز

بۇ تىما جەميىتىمىزدە بىرەر ئىشنى قىلىشنى پىلانلىغان ئەمما مەبلىغى يۇق تىڭىرقاپ قالغانلارنىڭ پايدىلنىشى ئۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-8-28 19:09
ۋاقتى: 2013-5-23 17:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارغا يازغان بۇ تىمىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق بۇلۇپتۇ ، ئەڭ ئاۋال تەجىربە توپلاش كىرەك .
ۋاقتى: 2013-5-23 19:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىڭىزنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇركەن. تۇنۇشتۇرغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر كىشلەر ئېھتىياجىلىق ھەم تەرەققى قىلغىلى بولدىغان ئىستىقبالى بار كەسىپلەر ئىكەن. ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !
ۋاقتى: 2013-5-24 10:03:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى...
مۇشۇ توغۇرلۇق ئوبدان بىر پىلان كۆرسەتسىڭىز بولاتتى ئىگىلىك ئەپەندىم...

باھا سۆز

مۇنبىرىمىزدە شۇ توغرىسىدا بىر نەچچە پىلان بار، پايدىلىنىڭ ! http://www.igilik.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=771 http://www.igilik.net/bbs/forum  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-26 10:22
ۋاقتى: 2013-5-24 10:17:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ئىگىلىك ئەپەندىم› مەن ئۆزۈم مال-ئوبروت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن.ئۆز ئالدىمغا بىر مال-ئوبروت شىركىتى ئېچىش ئارزۇيۇم بار.شۇڭا ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئەمىليەتتىن ئۈچۈن مەلۇم بىر مال-ئوبروت)ۋاكالىتەن يۇك تۇشۇش(ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن.مۇلازىمەت دائىرسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تارماق شىركەت (دۇكان) ئېچىش خىيالى بار ئوبروت شىركەتلىرى بولسا خاپا بولماي ئۇچۇر بېرىۋەتسىڭىز.(ئۆزۈم ناھىيەدە بولغاچقا ئالاقىلىشىش دائىرەم چەكلىك بوپ قالدى.)رەخمەت...(مىنىڭ ئورنۇم كۇچار ناھىيسى)

باھا سۆز

بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلمەيدىكەنمەن، ئىزدىنىپ باقايلى !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-26 10:23
ۋاقتى: 2013-5-24 16:24:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ جۇمۇ ئىگىلىك ئەپەندى ! مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا مەندىن ئاڭلىۋالغان گەپلەرنىڭ ھەممىنى يىزىۋاپسىز ھە !

باھا سۆز

سىزمۇ دايىم ئۆمەرجان بىلەن پاراڭلاشقاندا ياخشى گەپلەنى قىپ بىرىدىكەنسىز  ۋاقتى: 2013-9-18 14:47
مەنمۇ ئەزا بولدۇم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-26 14:48
ھە، شۇنداقمۇ ؟! ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى تاپماق تەسكەن، بولۇپمۇ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى ... شۇڭا پايدى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-5-26 10:25
ۋاقتى: 2013-5-25 15:03:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەفرانە يوللىغان ۋاقتى  2013-5-24 16:24
خەپ جۇمۇ ئىگىلىك ئەپەندى ! مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا مەن ...

  
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-26 10:22:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0996uqur يوللىغان ۋاقتى  2013-5-24 10:03
ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى...
مۇشۇ توغۇرلۇق ئوبدان بىر پىل ...

مۇنبىرىمىزدە شۇ توغرىسىدا بىر نەچچە پىلان بار، پايدىلىنىڭ !
http://www.igilik.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=771
http://www.igilik.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1948
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-26 10:23:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈسەن1212 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-24 10:17
‹ئىگىلىك ئەپەندىم› مەن ئۆزۈم مال-ئوبروت كەسپى بىلەن شۇ ...

بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلمەيدىكەنمەن، ئىزدىنىپ باقايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-26 10:25:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەفرانە يوللىغان ۋاقتى  2013-5-24 16:24
خەپ جۇمۇ ئىگىلىك ئەپەندى ! مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا مەن ...

ھە، شۇنداقمۇ ؟!  ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى تاپماق تەسكەن، بولۇپمۇ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى ... شۇڭا پايدىلانغۇدەك يېرى بولسىلا پايدىلىنىپ ئىگىلىكداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنىۋاتىمەن. توغرا چۈشىنىڭ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-26 10:36:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىمارلار تاماق مۇلازىمىتى
بۇ تۈر بىلەن شۇغۇللانغاندا ئورۇننى ئوتتۇرا - چوڭ تىپتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئەتراپىدىن تاللاش كېرەك، ھەرخىل بىمارلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھەرخىل تاماق تۈرلىرىنى چىقارسا بولىدۇ. تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا تاماقلارنىڭ تەمى، قۇۋۋىتى دىگەنلەرنى ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.
دەسلەپتە ئىش باشلىغاندا ناۋادا شارائىت يار بەرمىسە ئۆيدە قىلسىمۇ بولىدۇ، تاماق تىزىملىكىنى بىمارلارغا تەشۋىقات ۋارىقى ئارقىلىق بىلدۈرۈپ شۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھاجىتىدىن چىققاندا ئىشلار ئاستا - ئاستا يۈرىشىپ كېتىدۇ.
ۋاقتى: 2013-5-26 14:48:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەفرانە يوللىغان ۋاقتى  2013-5-24 16:24
خەپ جۇمۇ ئىگىلىك ئەپەندى ! مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا مەن ...

مەنمۇ ئەزا بولدۇم
ۋاقتى: 2013-5-26 16:18:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ئىشلاېركەن
ۋاقتى: 2013-5-26 23:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېگىلىك ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ،ناھايىتى ياخشى تېمىنى يوللاپسىز سىناپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك . رەھمەت سىزگە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-13 09:53 , Processed in 0.378568 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش