تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 3427|ئىنكاس: 11

ئەگەر مەن شىركەت قۇرۇپ قالسام ... (چۇقۇم قاتنىشىڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-18 16:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىگىلىكداشلار!
خېلى ئۇزۇن بولدى، مۇنبىرىمىزدە مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇپ باقمىدۇق، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيۇشتۇرغان ‹‹سىز نىمە ئىش قىلىسىز ؟ (چۇقۇم قاتنىشىڭ)››، ‹‹مەندە 100 مىڭ يۈەن بولسا ...›› ......... قاتارلىق مۇنازىرىلەر خېلى ياخشى ئالقىشقا ۋە بەلگىلىك ئىجتىمائى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئىدى. بۈگۈن يۇقارقى تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىپ قالدىم. مۇۋاپىق كۆرگۈچىلەر ئۆزلىرىڭلار ئويلىغىنىڭلارنى دەپ باقساڭلار، بۇمۇ بەلكىم ئۆزۈڭلار ۋە ئىگىلىكتىكى باشقا ئىگىلىكداشلارغا ئىلھام مەدەت بولغۇسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەت، كارخانا قۇرغانلارغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.......
بۇرۇن ئېسىمدە قېلىشىچە ‹‹تارىم غۇنچىلىرى›› ژورنىلىدا ‹‹ئەگەر مەن شەھەر باشلىقى بولسام ...›› دىگەن تېمىدا بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ ‹‹تارىم غۇنچىلىرى›› ژورنىلىغا ئەۋەتىپ تۇرىدىغان، بۇ ماقالىدە بالىلار ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىدىكى شەھەرنىڭ باشلىقى بولۇپ قالسا قانداق ئىشلارنى قىلىش زۆرۈرلىكى، شەھەر قىياپىتىنى قانداق ئۆزگەرتىش ... قاتارلىق تېمىلاردا يېزىپ چىقاتتى.
بۇ قېتىم بارلىق ئىگىلىكداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا، مەسىلەن: سىز بىر شىركەت قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلىگۈڭىز بار، ئۇنداقتاتۆۋەندىكى سۇئالنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ بېقىڭ !
1.شىركەت قۇرۇپ قانداق تۈرنى قىلماقچى؟
2. قايسى خىل ئۇسۇلدا بازار ئاچماقچى؟
3. خىزمەتچىلىرىڭىزگە قانداق ئىش تەقسىملەيسىز؟
4. خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قانداق يۇقىرى كۆتىرىسىز؟
5. ۋاكالەتچى چاقىرىش ياكى ھەمكارلىشىش ئىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟
6. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قانداق ياخشى تەدبىرلىرىڭىز بار؟
7. سىز قىلماقچى بولغان ئىشتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولىقىشىڭىز مۇمكىن؟ سىز بۇنى قانداق ھەل قىلماقچى ؟
8. ۋەھاكازالار ......


مۇشۇ مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا ھەممەيلەن ئۆز ئويلىغىنىمىزنى دەپ باقساق چۇقۇم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تېما ھۇجۇدقا چىقىدۇ. قېنى كۆپچىلىك؟ ھەممەيلەن دەردىمىزنى تۆكۈپ باقايلى ؟!
بۇ ئۆگىنىش سورۇنى، ھەرگىزمۇ باشقىلار نىمە دەپ قالار دىگەن قاراشتا بولماي نىمە ئويلىسىڭىز شۇنى دەپ بېقىڭ !؟ ئەلدىن - ئەلگە نەپ !

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-9 11:33:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.شىركەت قۇرۇپ قانداق تۈرنى قىلماقچى؟
خاتا يېزىپ قالغان جايلىرىغا تۈزىتىش بەرگەيسىلە«»
مەن بۇيىل شىنجاڭ يېزائىگىلىك كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتونىڭ يېزائېگىلىك كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ يېزائېگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سوغۇق ساقلاش كەسپىنى پۈتتۈرمەن ، مەن شىركەت قۇرۇپ قالسام  ئۈرۈك مۇرابباسى قىلىپ ئەينەك بوتۇلكىغا قاچلاپ كەڭ قېرىنداشلىرىمنڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمەن  ....
2. قايسى خىل ئۇسۇلدا بازار ئاچماقچى؟
ئاۋال ھەربىريۇرۇتقا بىردىن ۋاكالەتچى تۇرغۇزىمەن ...
4. خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قانداق يۇقىرى كۆتىرىسىز؟
ھەرئايدابىرقىتىم  ياخشى ئىشلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارمەن ..

6. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قانداق ياخشى تەدبىرلىرىڭىز بار؟
مەن ئۈزۈم تېخنىكىلىغىنى قىلمەن ،ئۇقىغان كەسپىم شۇ  ..
7. سىز قىلماقچى بولغان ئىشتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولىقىشىڭىز مۇمكىن؟ سىز بۇنى قانداق ھەل قىلماقچى ؟
مەن قىلماقچى بولغان ئىشتا يۇلۇقىدىغان قىيىنچىلقىم ،مەھسۇلاتنى  ئىشلىگەن بىلەن باشقىلار ئالمىسا شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن ،،‹مەھسۇلاتنىڭ شۇپھىدىن خالى بۇلشىغا مەن كاپالەت بىرەلەيمەن  ..ھەقىقى ساپ پاكىزئىشلەيمەن  ›

مىنىڭ تۇنچى قىتىملىق ئىنكاس يېزىشىم ،ئىگىلىك تۇرنىڭ قۇرغىچىسى ئۆمەرجان ھەم تورداشلار تۇغرا چۈشەنگەيسىلە||
ۋاقتى: 2013-12-23 13:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ماڭا بۇ پۇل ئاز بوپ قىلىشى مۇمكىن شۇنداق بولسىمۇ ئويلىغىنىمنى يازاي ئەگەر مەندە  100 مىڭ يۈەن پۇل  بوپ قالسا  ئائىلىمىزدا ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ھەممىمىزگە بوممىسا بوممايدىغان   لامپۇچكا زاۋۇتى قۇرتۇم  ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ تۈرلىرى ھەرخىل بولىدۇ ماركىسىنى يانغىن لامپۇچكىلىرى دەپ قويۇتۇم  ، ئاندىن ۋىۋىسكىنىڭ رەختىنى ئىشلەپ چىقىردىغان زاۋۇت  قۇرتۇم  
ۋاقتى: 2013-12-23 12:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بۇگۈن كۆرۈپتىمەن،5 كۈن بوپتۇ تەستىقلانغىلى، كۆپ سۆزلىمەي،،گەپكە كەلسەك مەندە ئاشۇ يۈزمىڭ سوم بولسا،،3خىل ئارزۇيۇم بار..بىرىنجىسى:زاۋۇت قۇرۇش،ئۆزۇم تۇرۇشلۇق شەھەرگە دەپتەر زاۋۇتى قۇرۇپ دەسلەپ مۇشۇ شەھىرىمنى مەھسۇاتىم بىلەن ئاللا خالىسا كەلگۈسى شىنجاڭنى ئىگىلىسەم،ۋەھاكازالار..
ئىككىنجىسى: تورخانا ئاچماقچى،ئۈچىنجىسى:ئوقۇش.
قىززىقمىكەن دوسلار،،،سىلەرمۇ بۇ تىمىنى يازغۇچىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەپ ئويلىغانلىرڭىزنى  يىزىپ بىقىڭ..
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-23 13:26:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى مەزمۇن خاتا چۈشىنىش بېرىپ قويدىمۇ قانداق؟ سىلەر تەپسىلاتىنى تولۇق ئوقىمىغان ئوخشايسىلەر ؟ ناۋادا مەن شىركەت قۇرۇپ قالسام ... دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇنازىرە قىلىپ باقساق ؟
ۋاقتى: 2013-12-23 15:04:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەگەر مەن شىركەت قۇرۇپ قالسام...
     خۇدايىم بۇيرىسا چۇقۇم قۇرمەن......
  گەپنى قىسقا قىلىپ ئيتسام .تازلىق خىزمەتچىممۇ ئالاھدە ئىقدىدارلىق ...بولشى
  ھەر قانداق بىر كىشنىڭ بىر قىتىم بولسىمۇ باش شىركەت ئورنىدا خىزمەت قىلشنى ئارزۇ قىلدىغان بۇلدۇ..
  مۇشىنچلىك سۆزلەي .
  ئەگەر مەن تەپسىلى چۈشەندۈرۆپ ئۆتسام خىيالىڭلار مىنىڭ خىيالى شىركىتىم بىلەن قالغۇسى ..
  
ۋاقتى: 2014-1-6 19:26:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىگىلىكداشلار!ئالدى بىلەن بىزگە مۇشۇنداق ياخشى ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن ئۆمەرجان قېرىندىشىمىزغا كۆپتىن -كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللا ئىەەم ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن.
بۇتېما يوللانغىلىمۇ خېلى بوپتۇ،تورداشلاردىن بىرىمۇ قايىل قىلارلىق قاۋاپ بەرمەپتۇ دىسەممۇ بولىدۇ.تۆۋەندە مەن ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنىنى ئېيتىپ ئۆتەي:
1.مەن ئاۋال شىركەت قۇرۇشقا يېتەرلىك مەبلەغ ۋە بىلىم،ئەمەلىي ئىقتىدار قاتارلىقلارنى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن  سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى قۇرۇش.ئاساسلىق تۈر بولسا ئۆز ماركىمىزدىكى ھەرخىل تەمدىكى چڭ-كىچىك ئۆلچەمدىكى قېتىق،خالتىلىق  سۈت،سۈتلۈك كەمپۈت،ساپاقلىق كەمپۈت،،،،،،،،،،،،،،
2. بازار ئېچىىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسى،مەھسۇلاتنىڭ ئىشەنچىلىكلىگى،شۈبھىدىن خالىي بولىشى قاتارلىق نوقتىلارنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغاندىن كېيىن تەشۋىقاتقىمۇ مەبلەغ سېلىپ خەلىققە بىلدۈرۈش.
3.ئەمدى مۇھىمى رەھبەرلىك قاتلىمى
‹1›باش دېرىكتور قوشۇمچە زاۋۇت باشلىقى

‹2›مالىيە بۆلۈمى: بۇ بۆلۈمگە مەخسۇس مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇغان ،3يىللىق مخىزمەت تەجىربىسى بار خدىم بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

‹3›پىلان ۋە بازار ئېچىش بۆلۈمى :پىلان تۈزۈشكە ئىككى نەپەر خادىم،بازار ئېچىشقا بولسا ئېتىياجقا قاراپ خادىم قۇبۇل قىلىش.
‹4› لابوراتورىيە بۆلۈمى
4.خىزمەتچىلەرگە مۇقىم مۇئاش تاقاتقاندىن سىرت يەنە ئايدا مۇقىم 3 كۈنلۈك مۇئاشلىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئايدا بىر قېتىم مۇنەۋۋەر خىزمەتچى باھالاپ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش.ئامال بار 5خىل سۇغۇرتا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش.ھېيت-بايراملاردا نەق پۇل بىلەن ياكى نەرسە-كېرەك بىلەن مۇكاپاتلاش ئائىلىسىگە بېرىپ يوقلاش،،،،،،،،،،،،
5.سودا يۈريۈشۈپ مەلۇم كۆلەمگە يەتكەندە ۋاكالەتچى چاقىرىپ تېخىمۇ چوڭ بازار ئېچىش ئەلۋەتتە ئاقىلانىلىق.ۋاكالەتچى چاقىرغاندا ئاۋال ئۇلارنىڭ بىز بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشالايدىغانلىقىغا قاراش.ئىشەنچ قىلىپ بولغانداھەمكارلىشىش.
ۋاقتى: 2014-1-7 00:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار! مەن بۇ تىمىنى تىخى ئەمدى كۈرۈشۈم ،مەن بۇ تىمىدا ئۇيلانغىلى خىلى ئۇزۇن بۇلدى ،بۇلسا كۆپچىلىك بىلەن پىكىردە ئۇرتاقلاشسام دەيمەن .ئەگەر ئىملا خاتالىقى بۇلۇپ قالسا خاپا بۇلماي تۈزۈتۈپ ئۇقارسىلەر .
يېزا-ئىگىلىك ھازىر شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ھەم غۇل كەسىپلىرىنىڭ بىرى   ،ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە ھەرقانداق بىر كەسىپ تېخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ،شۇنداقلا بۇ كەسىپمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،شۇڭا مەن بۇ كەسىپنىڭ  ئاساسلىق بىر تارمىقى بۇلغا خېمىيېۋى ئۇغۇت ،سولياۋ يوپوق،خېمىيېۋى دورىلارنى يەتكۈزۈش،مەسلىھەت بىرىش ۋە پەرۋىش قىلىش كەسپىنى تاللايمەن.مەندە ھازىرچە زاۋۇت قۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار پىلانلار يۇق ،شۇڭا مەن تۇنجى قەدەمنى مۇلازىمەت كەسپىدىن باشلىماقچى.
  1. بىزنىڭ ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بۇلغان دېھقانلىرىمىزنىڭ  خېمىيېۋى ئۇغۇت ،سولياۋ يوپوق،خېمىيېۋى دورىلارغا بۇلغان چۈشەنچىسى تېخى بىخ ھالاتتە شۇڭا مەن ئەڭ ئاۋال ئۇلارغا بۇلغان تەشۋىق تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ ئىلىپ بىرىپ بۇ كەسىپكە بۇلغان چۈشەنچىسىنى ھەم ئىشەنچىسىنى قۇلغا كەلتۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن  بىرۋاقىتتا  ئىشەنچىلىك ،مۇۋاپىق بۇلغان مال مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ بۇ كەسىپنىڭ دەسلەپتىكى ئۇلىنى سالىمەن.
2.خىزمەتچىلەرنى ئەڭ ئاۋال بۇ كەسىپ جەھەتتە ھەم مۇلازىمەت كەسپىدە ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئەخلاق ساپادا تەربىيلەيمەن ،ئاندىن ئۇلارنى ئۆز ئىقتىدارىغا ئاساسەن تەكشۇرۇش، سېتىش، مال يەتكۈزۈش ۋە مائالىيە خىزمىتىگە ئۇرۇنلاشتۇرىمەن .
3.  خىزمەتتە مۇكاپات بىلەن جازا پىرىنسىمىنى يۇلغا قۇيۇپ ،ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ۋە ئۈزىگە بۇلغان مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى شۇنداقلا قىزغىنلىقىنى يۈقىرى كۈتۈرىمەن. ئاندىن رەسمىي تىجارەت باشلايمەن.
4.ھەمكارلىشىشقا ئاۋال ئىشەنچىلىك، مۇۋاپىق ۋە سۈپەتلىك بۇلۇشنى ئاساسىي شەرت قىلىمەن.
5.ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۈزۈم ھەم خىزمەتچىلەرنى يېڭى تېخنىكا ۋە ئەلا مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئۈگىنىش ۋە قۇللىنىشنى چىڭ تۇتىمەن،ھەم ئەمەلىي سىناق تۈرىنى ئۈچۈق-ئاشكارە سىناق قىلىش ئارقىلىق ئىستىمالچىلارنىڭ يېڭى تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارغا بۇلغان تۇنىشىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ بازار رىقابىتىگە تاقابىل تۇرىمەن.
ئاساسلىق قېيىنچىلىقلار:
1.مال مەنبەسى يىتەرلىك بۇلماسلىق   2.باھا قالايمىقان بۇلۇش   3.قىلىپلاشقان باشقۇرۇش ئۇسۇلى بۇلماسلىق
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال ئىشەنچىلىك ،مۇۋاپىق بۇلغان مال مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىق بۇلغان سىتاستىكا جەدىۋىلى تۈزۈپ چىقىپ ھەم ئالدىن مال زاكاس قىلىپ  مۇقىم بۇلغان مال مەنبەسىنى تۇرغۇزۇپ ، كۈندىلىك ،ھەپتىلىك ،ئايلىق ۋە يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قىلىپلاشتۇرمەن.
يازغانلىرىم تازا تۇللۇق ھەم ئەتراپلىق بۇلماي قالدى ،شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىكنىڭ كۈرۈپ تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-1-9 04:07:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدىرماي تەپسىلى يېزىپ ئەۋەتەي ھە
ۋاقتى: 2014-1-15 00:03:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسسالامۇ  ئەلەيكۇم
ۋاقتى: 2015-3-27 18:54:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شىركەت قۇرسام لوبەن بولىمەن
ۋاقتى: 2016-1-14 18:02:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مەن شىركەت قۇروپ قالسام ،بالىلار يىمەكلىكى ئىشلەپ چىقىراتتىم.چۈنكى: ھازىر مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكانلارنىڭ ماللىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكىرىدىن كىرگەن ئەخلەت يىمەكلىكلەر.بىز ئۈزىمىز بالىلار يىمەكلىكى ياسىيالمامدۇق؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-17 17:59 , Processed in 0.364657 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش