تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1874|ئىنكاس: 3

خېرىدار باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خېرىدارلار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش

CRM .1 ئېنىقلىمىسى
(Customer Relationship Management,CRM)  
خېرىدارلار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش  بولسا خېرىدار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خېرىدار ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز چۈشىنىپ ھەمدە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە قارىتا ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش ۋە خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئۈزلۈكسىز  بىر جەريان.ئاساسىي مەزمونى شىركەت ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلنىپ  خېرىدارغا بولغان تەرتىپكە سېلىنغان تىجارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،خېرىدارنى مەركەز قىلغان تىجارەت تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
خېرىدارلار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش ئەنئەنىۋىي ھالدا مەھسۇلات ۋە بازارنى مەركەز قىلماستىن بەلكى خېرىدار بىلەن پىكىرلىشىش،شىركەت تېجارىتىنى خېرىدارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىشقا ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدۇ.
   خېرىدار بىلەن پىكىرلىشىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ھەرخىل ئالاقىلىشىش يوللىرى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.
2. CRM نىڭ تۈرگە بۆلۈنۈشى
  خېرىدارلار تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ BtoB CRM ۋە BtoB CRM  دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. BtoB CRM باشقۇرىدىغان خېرىدار بولسا شىركەت خاراكتىرلىك خېرىدارلارنى كۆرسىتىدۇ. BtoB CRM نىڭ باشقۇرىدىغان خېرىدار ئوبىكتى بولسا شەخسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندە مەشغۇلات خاراكتىرلىك ۋە مۇلاھىزە خاراكتىرلىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كۆپ قىسىم CRM مەشغۇلات خاراكتىرلىك بولىدۇ،كۈندىلىك مەشغۇلات جەريانىنى قوللايدۇ. ئەكسىچە مۇلاھىزە خاراكتىرلىكى بولسا سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلىدۇ.
  باشقۇرۇش ئىدىيىسى
1.        خېرىدار بولسا شىركەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى.
2.        شىركەت ۋە خېرىدار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق مۇناسىۋەتلەرگە قارىتا ئەتراپلىق باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.
3.        شىركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
رولى
1.        بازارنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ
2.        ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ
3.        پەن-تېخنىكىلىق قوللاشنى تەمىنلەشتىكى مۇھىم ۋاستە
4.        پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ
5.        شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشنى دەل ۋاقتىدا تەڭشەشكە ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ
6.        مەنبەدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ
7.        شىركەت  كەسپىي مۇلازىمەت جەريانىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ
8.        شىركەتنىڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۆزگىرىشچان ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ
9.        شىركەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ،خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ
10.        شىركەت كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ
11.        شىركەت مەدەنىيىتى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ
12.        ۋارونكىسىمان سېتىش ئىدىيىسى

    خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ۋە سادىقلىقىنى ئاشۇرۇش خېرىدارلار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم بىر تەركىب ھېسابلىنىدۇ. كېلەركى قېتىمقى ماقالىدا خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنىڭ شىركەتكە نىمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، تەرەققىيات تارىخى،دەرىجە بۆلۈنىشى، خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار، خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىگە تەسىر قىلىدىغان مۇھىم ئامىللار،سوئال-جاۋاب لايىھەلەش،خېرىدارلار بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلەرنى يىغىش ۋە ئانالىز قىلىش توغرىسىدا بىرمۇ-بىر تەپسىلىي  توختىلىپ ئۆتىمەن. ھەرقايسى شىركەت-كارخانىچىلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.     

ۋاقتى: 2015-1-20 23:29:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم ناھايتى ياخشى تېمىكەن بولسا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ يىزىپ بەرگەن بولسىڭىز دەپ ئويلايمەن ... Customer Relationship Management,CRM نىڭ خېرىدارلار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان بولاتتى ، ئېنگىلز تىلى بىلمەيدىغانلا ئۈچۈنCRM نىڭ ئۇقۇمى تازا ئېنىق بولماي قالدىمىكىن دەيمەن.  

باھا سۆز

جاپا چىكىپسېز رەخمەت!b2bبىلەن b2c غا بۈلىندۇ.ئككىلىسى b2b بۇلۇپ قاپتۇ،قېرىنداشلار توغرىلاپ قۇبۇل قىلىڭلار! CRM نى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-26 11:27
ۋاقتى: 2015-1-26 11:27:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم624 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 23:29
رەھمەت قېرىندىشىم ناھايتى ياخشى تېمىكەن بولسا تېخىمۇ  ...

جاپا چىكىپسېز رەخمەت!b2bبىلەن b2c غا بۈلىندۇ.ئككىلىسى b2b بۇلۇپ قاپتۇ،قېرىنداشلار توغرىلاپ قۇبۇل قىلىڭلار!  
CRM نىڭ ئاساسلىق چىقىش نوقتىسى كارخانىنىڭ %80 پايدىسى %20 خېرىداردىن كىلىدۇ دەپ قاراپ شۇ %20 مۇھىم خېرىدارنى كارخانىغا باغلاش،ئۇزۇن مۇددەت سودا- ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىر قوللۇنۇش.
ئاتگاچىلىق قىلىپ قويدۇم. قېرىنداشلارغا پايدىسى تىگىپ قالا.
ۋاقتى: 2016-1-4 18:32:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BtoB CRMبۇ نىمە دىگەن گەپ.ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى يوقمۇ؟؟؟؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-13 09:53 , Processed in 0.300453 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش