تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 6980|ئىنكاس: 62

2015-يىلدىكى ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ، مۇنبىرىمىزدە نەزەرىيىۋى جەھەتتىكى ئىگىلىك تىكلەش بىلىملىرى يوللانغاندىن سىرت ھەممىسى ئاساسەن ياردەم تېمىلىرى بولىۋاتىدۇ، مۇنازىرە تېمىسى يوق دىيەرلىك بولىۋاتىدۇ.
بۈگۈن ھەر قايسىڭلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىمىز: 2015 - يىلى ئىقتىسادى كىرزىس دىيارىمىزدىلا ئەمەس، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر ساھەگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ...
مۇشۇنداق شارائىتتا قايسى خىل ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئەڭ ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا ھەممەيلەن ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى سۆزلەپ باقساق ؟

بۇ تېمىغا قىزىققۇچىلار ھەر كۈنى بىر قېتىم بۇ تېمىنى ئېچىپ كۆرۈپ قويۇڭلار، مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەرخىل ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ تۇرىمەن !
بىرىنچى ئىنكاسنى كىم يازىدۇ قېنى ؟ ئىنكاسقا مۇكاپات بار !~~~~
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-30 01:04:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqsaray يوللىغان ۋاقتى  2015-3-30 00:16
مىنىڭچە  مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە يۇزلەنسەك  تەرەققىيات  ...

كونكىرىترەك بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ؟ مەسىلەن قايسى كەسىپ ؟
ۋاقتى: 2015-4-5 15:50:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دەۋرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-5 20:24  
قۇتزات يوللىغان ۋاقتى  2015-4-5 11:47
توغرا دەيسىز، مېنىڭ بىلىشىمچە توكلۇك ھارۋىنىڭ ئاككۇم ...


ئاكىملىياتۇرنى ئۇيغۇرلىرىمىزدىنمۇ ئىشلەپ چىققانلار بار . توڭلىماس سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقارغانلامۇ بار .
ئەملىيەتتە بىز ئۇيغۇرلار دوت مىللەت ئەمەس پەقەت ئىقتىساتتىن قىيلىنىدىغانلا يىرىمىز بار . بازارغا نىمىنىڭ ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇچۇرنى بىلگەنلەر يوشىرىۋاتىدۇ . بىلمىگەنلەر يول تاپالمايۋاتىدۇ . ئۇچۇر بار لىكىن سوپۇن زاۋۇتى, يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت ، ياغ زاۋۇت ، ئۇن زاۋۇت ، مىمرال سۇ زاۋۇتى قاتارلىق ئاز قىسىم زاماننىڭ ئارقىدا قالغان زاۋۇتلار خالاس . ھازىرقى بازار سانائەتكە يۇزلىنىۋاتىدۇ ، لىكىن كوپىنچە كىشىنىڭ سەۋىيىسى توردىكى زاۋۇت ئۇسكىنىلەرنى چۇشەنمەسلىك ياكى ئەمىلى چۇشەنچە بىرىدىغانلارنىڭ كەمچىللىكىدىن ھىچقانداق ئىلگىرلەش بولمايۋاتىدۇ . كوپۇنچە ئۇچۇرلار خەنزۇچە بولغانلىقتىن مەندەك خەنزۇچە سەۋىيىسى يوقلارغا بازار ئۇچۇرى ئىگەنلەش تەسكە توختاۋاتىدۇ . توردا نۇرغۇن زاۋۇت ئۇسكىنىلەر بار بۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ئادەم يوق . دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بازار ئىچىشى مۇشۇنداقلا بولىدىكەن تەرەققىياتتىن سوز ئىچىش مۇنكىنمۇ ؟ ................ تەكلىۋىم ئەگەر كىمنىڭ توردىكى زاۋۇت ئۇسكىنىلەرنى تونۇشتۇرىدىغان . ياكى تەرجىمە قىلىپ بازار ئىچىشنى پىلانلىسا شۇ كىشىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا گەپ يوق .

باھا سۆز

ئىزدىنىشكە تېگىشلىك سودە پۇرسىتى ئىكەن. مەن ئىنكاسىڭىزنى ئېسىل باھالايمەن دەپ ناچار دېگەن باھالاش بېسىلىپ ك  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-5-25 23:40
ناھايىتى ياخشى پىكىر - تەكلىپ بوپتۇ، رەھمەت سىزگە ! مەن مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقاي ؟! بىراق ئىگىلىكداشلارم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-4-6 10:56
ۋاقتى: 2015-3-30 00:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +10

بولدىغان مەسلىھەت بوپتۇ دوسلار.قىنى قانداق تەرەققىيات پۇرسىتى بار ؟دىيشىپ باقىلى.. بولسا  بۇ تىمىنى ھەركۈنى ئەڭ ئۈستىگە چىقىدىغان قىلىپ قويساق دەيمەن، مەلۇم ۋاقىت بولسىمۇ..

باھا سۆز

نادىر تېمىلار قاتارىغا چىقىرىپ قويدۇم، كۈندە شۇ يەردە تۇرىدۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-30 01:04
ۋاقتى: 2015-3-30 00:16:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە  مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە يۇزلەنسەك  تەرەققىيات پۇرسىتى ياخشىراقمىكىن دەيمەن ،يەنەكىلىپ بۇنىڭغا ئۇنچە كۆپ دەسمايە كەتمەيدۇ.

باھا سۆز

كونكىرىترەك بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ؟ مەسىلەن قايسى كەسىپ ؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-30 01:04
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-30 01:04:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Story يوللىغان ۋاقتى  2015-3-30 00:09
بولدىغان مەسلىھەت بوپتۇ دوسلار.قىنى قانداق تەرەققىيات ...

نادىر تېمىلار قاتارىغا چىقىرىپ قويدۇم، كۈندە شۇ يەردە تۇرىدۇ.
ۋاقتى: 2015-3-30 15:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە كىتاب ماتېرىياللار بىرقەدەر مۇۋاپىقمىكىن دەپ قارايمەن ئۆزەمچە
2015- يىلى "ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى" دەپ خېلى كۆپ تەشۋىقاتلار بولۇنغاچقىمىكىن يېقىننىڭزى كىتابخانىلارمۇ خېلى ئاۋاتلىشىپ قالدى، شۇڭا كىتاب سېتىۋالىدىغانلار ھەم كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدىغانلار، بىر-بىرىگە كىتاب سوۋغا قىلىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەريىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر تۈرلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرى ئېلىنىپ تۇرىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئىمتىھان تەييارلىق ماتېرىياللىرىنىڭ بازىرىمۇ خېلى باركەن.
ئەمدى بۇ تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكى سېلىنىدىغان مەبلەغ بەك كۆپ ئەمەس، پايدا نىسبىتى ئوتتۇرىھال يۇقىرى نىسبەتتە، ئەگەر ئالاقە دائىرىڭىز كەڭ بولسا مۇقىم دۇككان ئاچماي تۇرۇپمۇ خېلى ئوبدان سودا قىلالايسىز، ئەگەر بۇ تۈرگە قىزىقسىڭىز http://bbs.igilik.net/forum.php?mod=viewthread&tid=8727 بۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئېلان بېرىۋالدىم تۈر تونۇشتۇرغاچ، كۆڭلىڭىزگە كەلمىگەندۇ ھە ئۆمەرجان ئەپەندى ؟
ۋاقتى: 2015-3-30 17:22:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئەممەيلەن بىلىپ تۇرۋاتىمىز پۇل تىپىش تەسلىشىپ كىتىپ بارىدۇ ، ھۈنەرۋەر ، سودا-ساناھەتچى ، كارخانچى ۋە ئاددى سودىگەرلەردىن ، مەيلى قايسى ساھەدە تىرىشۋاتقان بولسۇن ئۇلار قورساق تويغۇزۇش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۋاتىدۇ . ئۆزى ئويلىغان تۇرمۇشقا جاپا چەككەنگە لايىق نەتىجە چىقمايۋاتىدۇ . مىنىڭچە بىز ئەمدى كەسىپ تاللاش توغرا كەلسە چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجى قانمىغان بازار بوشلىقى چوڭ بولغان مەبلەغ ئاز كىتىدىغان خەتىرى يوق كەسىپنى ئالدىن ئويلىشىمىز كېرەك . مەن بىۋاستە سىتىشنى قوللايمەن چۈنكى يۇقىردا ئىتقانلىرىم بىۋاستە سىتىشتا بار . ماتىريال ئىزدەپ باقساق بولىدۇ بۇندىن كىيىن بىۋاستە سىتىش كەسپى ئەڭ تەرەققىي قىلىدۇ . مەن سىلەرگە بىۋاستە سىتىشنىڭ ئالدى بولغان بىر سىنى تونۇشتۇرىپ ئۆتەي .
ئامرىكا ئەمۋاي شىركىتى
1959-يىلى ئامرىكىدا قۇرۇلغان شىركەت .
ئومۇمىي مەبلىغى 40مىليارد ئامرىكا دوللىرى
شەكىلسىز مەبلىغى 100مىليارد ئامرىكا دوللىرى
104 دۆلەتتە تارماق شىركىتى
1000دىن ئارتۇق ئالىم كەشپىياتچىسى
4مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى مىليونىر سەھنىسىگە چىقىرىپ بولغان
قىرىنداشلار شىركەت توغۇرلۇق مۇشىنچىلىك دەپ ئۆتەي تەپسىلى بىلمەكچى بولساڭلار توردىن ئىزدىسەڭلار تاپالايسىلەر .

باھا سۆز

http://bbs.igilik.net/forum.php?mod=viewthread&tid=5523&highlight=%D8%A6%DB%95%D9%85%DB%8B%D8%A7%D9%8A ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ !؟ http://bbs.igilik.net/forum.php?mod=viewthread&t  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-31 10:30
ۋاقتى: 2015-3-31 00:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىمۇ مۇشۇ  مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە يۇزلەنسەك   تەرەققىيات پۇرسىتى بار،  ئۇندىن  باشقا   يەنە  يىمەك -ئېچمەك، يەنە بىرئويلىغىنىم  مۇشۇ ئېلانچىلىق خىلى جاللىنىپ قالدى ، مۇشۇ تۈردىمۇ  تەرەققىيات  تىزدەپ ئويلايمە....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-31 10:30:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرشات يوللىغان ۋاقتى  2015-3-30 17:22
ھازىر ئەممەيلەن بىلىپ تۇرۋاتىمىز پۇل تىپىش تەسلىشىپ ك ...

http://bbs.igilik.net/forum.php? ... 5%DB%8B%D8%A7%D9%8A
ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ !؟

http://bbs.igilik.net/forum.php?mod=viewthread&tid=5539
يەنە ماۋۇمۇ بار ؟!
ۋاقتى: 2015-3-31 11:38:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم ئەمۋاينىڭ جوڭگۇ بازرىغا كىرگىلى 20 يىل بولدى . مۇشۇ كەمگىچە يىچقانداق ھۆكىمەت ئورگىنى دەخلى قىلىپ باقمىدى . دىننى زاتلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
ۋاقتى: 2015-3-31 11:41:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاخلىتىپ سىتىش بولسا سىلەر توردا ئەسكەرتمىسەڭلارمۇ قانۇن ئورگانلىرى ئاللىبۇرۇن بىرتەرەپ قىلغان بولاتتى .  دىننى زاتلارمۇ ئەمۋاينى قىلۋاتىدۇ بىلىپ قويۇڭلار قىرىنداشلار ، بىلمەي تۇرۇپ كۆپ سۆزلىمەڭلار .

باھا سۆز

ئەمۋاينى شاخلىتىپ سېتىش شىركىتى دىگەن گەپ ئەمەس، بىراق ئۈستىدىكى ئاۋۇ پەتىۋادا دىيىلگەندەك سېتىش ئۇسۇلىدا م  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-31 12:25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-31 12:25:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرشات يوللىغان ۋاقتى  2015-3-31 11:41
شاخلىتىپ سىتىش بولسا سىلەر توردا ئەسكەرتمىسەڭلارمۇ قا ...

ئەمۋاينى شاخلىتىپ سېتىش شىركىتى دىگەن گەپ ئەمەس، بىراق ئۈستىدىكى ئاۋۇ پەتىۋادا دىيىلگەندەك سېتىش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە پەقەت تەكلىپ بەرگۈم كەلدى خالاس، ناۋادا ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرسىڭىز زورلىمايمىز. دىنى زاتلارنىڭ ئەمۋايچىلىق قىلىۋاتقىنىنى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم، بەلكىم بار بولدى دىگەن تەقدىردىمۇ ئاشۇ ماھىيىتى بىلمەي قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بىلسە ئىدى، بەلكىم باشقىچە ‹ھەقىقىي ئىگىلىك تىكلەش يولى› تاپقان بولار ئىدى.
سىزنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن بىلمىگىنىڭىز سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس، بۇندىن كىيىن داۋاملىق قىلىشىڭىزمۇ بەلكىم بىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغىنىمىز بولماس ... پەقەت سىزنى تېخىمۇ ياخشى پارلاق ئىستىقبالى بار تۈرلەر بىلەن شۇغۇللانسا كىيىنلىكى تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى، دىگەن ئۈمىدتىمەن !
ۋاقتى: 2015-4-2 01:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكلىگەن ئىگىلىكنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنى ئۆز قاياشى بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا : ئۆز ماركا ياكى ئۆز مەھسۇلاتىنى ياراتقان ياخشى. شۇندىلا تىكلىگەن ئىگىلىكنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۆز قۇلىدا بۇلدۇ.
دىيارىمىزدا ئىچىملىك تۇرىلىرى، شۇ تۇردىكى ماركىلار خېلى كۆپەيدى ۋە بازار ئەھۋالىمۇ ياخشى. بولسا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر شۇ جەھەتتىن ئىزدىنىپ يېڭى تەم يېڭى  ماركا يارىتىشقا تىرىشىپ باقسا بۇلدۇ. يەنە بىرىگە دېھقانچىلىق دورىسى: ھازىر بازاردا بار بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرىدىنمۇ ئۇنۇمى تېخىمۇ ياخشى بولغان دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالىسا  بۇنىڭ كەلگۇسى ئىستىقبالى پارلاق بۇلدۇ. بىراق بۇ جەھەتتە تەتقىقات ئېلپ بارىدىغان  ۋە بارالايدىغانلار قانچىلىك بۇنىسى نامەلۇم. توكلۇك قاتناش: ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ باشقا توكلۇق قاتناشلارنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى تۇللۇقلاپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مۇتلەق پۇختا بولغان ، شەكىلىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئۆز قۇلى بىلەن ياساپ چىقسا ، بازارغا يۇزلەندۇرۇشتىن بەكمۇ غەم قىلمىسىمۇ بۇلدۇ. بۇنداق تۇرلەرگە دۆلەتنىڭ ئۇسۇمسىز تۇر مەبلىئۈئىدىن ئۇنۇملۇك پايدىلانغىلى بۇلدۇ. دېھقانچىلىق: تاشلىق يەر بولسۇن مۇنبەت يەر بولسۇن قانۇنلۇق ئېچىشقا رۇخسەت قىلىندىغان يەر بولسىلا  500مىڭ يۇئەننى 3-يىلدىن 5يىلغىچە مەبلەغ سېلىپ باغ ئورمان  بەرپا قىلسا سالغا 500 مىڭ يۈئەن پۇلى 5 يىلدا 5 مىليۇن بۇلۇپ قۇلىغا قايىتىپ كىلىدۇ.  لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەنىلا نەق پۇل كىتىدۇ. پۇل پۇلنى تاپىدۇ. پۇلنى كىم تاپىدۇ؟ ئەڭ ئاۋال نەدىن تاپىدۇ؟ قانداق تاپىدۇ؟ بۇ سۇئال ئادەمنى بەك قىينايدۇ. يوقسۇللۇق تاشتىن قاتتىق.

باھا سۆز

تۇنۇشتۇرغان تۈرلىرىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن، رەھمەت ! ھازىر قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش بەك تەسلىشىپ كەتتى،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-4-2 11:36
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-2 11:36:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجاد يوللىغان ۋاقتى  2015-4-2 01:01
تىكلىگەن ئىگىلىكنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنى ئۆز قاياشى  ...

تۇنۇشتۇرغان تۈرلىرىڭىز ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن، رەھمەت !

ھازىر قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش بەك تەسلىشىپ كەتتى، ھەممە ئىشقا ئاز - تولا بولسىمۇ مەبلەغ بولمىسا قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقمايدىغان بولۇپ كەتتى، مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، خەنلەردە ھازىر مودا بولىۋاتقان بىر گەپ بار: ‹‹资源整合›› دەيدىغان، بۇ بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا دىيىلگەن بايلىق: پۇل، ئىختىساس ئىگىلىرى، ياخشى تۈر ... دىگەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، دىمەك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى بار، نۇرغۇن كىشىلەرنى ياخشى تۈرى بار، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇلى بار ... دىگەندەك، مۇشۇلارغا ياخشى بىر ھەمكارلىق لايىھەسى بولۇشى كېرەك، ئەڭ مۇھىمى پۇلىسى بار شۇ ئادەمنى قانداق قىلىپ شۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىش، ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلىش ئەڭ مۇھىم ...
بەزىلەر ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان تۈرىنى بەك ياخشى ھېسابلايدۇ، بىراق قانداق پايدا يارىتىدۇ؟ قانداق ھەمكارلىشىدۇ؟ كىيىنكى ئىشلارنى قانداق يۈرۈشتۈرىدۇ ... قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ، ھەتتا شۇلار ياخشى دەپ ئويلىغان تۈرلەر ئەمەلىيەتتە مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن ياكى ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان تۈر بولىشى مۇمكىن، شۇڭا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھەمكارلىقنى باغلايدىغان بايلىق ھەقىقەتەن بايلىق بولىشى كېرەك. شۇندىلا، ھەممە ئىشلار ياخشى يۈرىشىدۇ، ھەمكارلىقمۇ ئۇزۇنغا بارىدۇ، مەسىلىمۇ ھەل بولىدۇ !
ۋاقتى: 2015-4-4 06:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى مىليونىر سەھنىسىگە چىقىرىپ بولغان.........
سىزمۇ ئەمۋاي نڭ مىڭسى يۇيۇلغان چۇقۇنغۇچسى ئوخشمامسىز.ھەي توۋا. نەچچە يل ئاۋال سىزنڭ ئۇ ئەمۋاي دىگەنلرىڭىزدىن ھەممە ئادەم بىزار بۇلۇپ كەتكەن قېرىندىشم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-13 09:53 , Processed in 0.344618 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش