تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 772|ئىنكاس: 6

ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىدە سوئال – جاۋاپلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇشتىن سوئال - جاۋاپلار
1.ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كىتىدۇ ؟رويىخەتكە ئېلىش ھەققى قانچە پۇل ؟
جاۋاپ : ئەگەر شىركەت بولسا شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى بولۇشى كىرەك، ئۈستىگە شىركەت تامغىسى بېسىلىشى كىرەك . شىركەت نامىدا ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى 1500 يۈەن .
ئەگەر يەككە تىجارەتچى بولسا تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى ، قانۇنى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنىڭ ئالدى- كەينى تەرىپىنىڭ كۆپەيتمىسى (ياكى رەسىمى ) بولۇشى كىرەك . يەككە تىجارەت كىنىشكىسىگە ماركا رويىخەتكە ئېلىش ھەققى 1500 يۈەن .
يوقارقى ماتىرىياللارنى توردا يوللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ .
شەخسى نامغا ماركا رويىخەتكە ئېلىش ( يەككە تىجارەت كىنىشكىسىمۇ يوق ھالدا ) 2000 يۈەن . بۇ ھەقتە ئايرىم مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ .
ماركا ئومۇمى جەھەتتىن 45 چوڭ تۈرگە بۈلۈنگەن بولۇپ ، ھەر بىر چوڭ تۈر يەنە نەچچە ئون كىچىك تۈرگە بۆلۈنىدۇ . يوقۇرىدا ئېيتىلغان بىر ماركىنى رويىخەتكە ئېلىش مۇشۇ 45 تۈر ئىچىدىكى خالىغان بىر چوڭ تۈرنىڭ 10 دانە كىچىك تۈرىنى رويىخەتكە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر شۇ تۈرگە كىچىك تۈر قوشماقچى بولسىڭىز ھەر بىر كىچىك تۈر ئۈچۈن يەنە 180 يۈەن ھەق تاپشۇرىسىز .
2. ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن قانداق باسقۇچلار كىتىدۇ ؟
جاۋاپ : ئالدى بىلەن رويىخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان ماركىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سىز تاللىغان ماركا تۈرىدە رويىخەتكە ئالدۇرۇلغان ياكى ئالدۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كىرەك . ئەگەر ماركا نامى ، يېزىلىشى ئوخشاش ياكى بەك يېقىنلىشىپ كىتىدىغان ماركا بولسا ياخشىسى باشقا ماركا نامىنى ئويلىشىش كىرەك . ماركا تەكشۈرۈشنى توردا ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ . تەكشۈرۈپ قارار قىلغاندىن كىيىن ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تەييارلاپ ماركا ۋەكالەتچى ئورۇنلىرىغا يوللاش ، ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ماركا تۈرلىرىنى بىكىتىش كىرەك .
3. ماركا قانچىلىك ۋاقىتتا رويىخەتكە ئېلىنىدۇ ؟
جاۋاپ : ئادەتتە ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلىش ماتىرىيالى يوللىنىپ 3-4 ئاي ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن رويىخەتكە ئېلىشنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى چىقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ماركىنىTMبەلگىسىنى قۇشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ ماركىنىڭ ھوقۇقىنىڭ سىزگە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ ، ماركا رويىخەت كىنىشكىسى ئادەتتە بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا چىقىدۇ، بۇ جەرياندا بەلكىم سىزنىڭ ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىڭىز قايتۇرۇلۇشى ياكى ئۆزگەرتىشكە تاپشۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاقەت بىلەن كۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ . ماركا رويىخەت كىنىشكىسى چىققاندىن كىيىنلا سىزنىڭ ماركىڭىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ .
4. ماركىنى تەكشۈرۈپ ، رويىخەتكە ئېلىشقا ئىلتىماس قىلساقلا ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەمدۇق؟
جاۋاپ : ئۇنداق بولمايدۇ ، سىز رويىخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان ماركا باشقىلار تەرىپىدىن سىزدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىنغان ۋە رويىخەتكە ئېلىشقا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىشتىن بۇرۇنقى باسقۇچتا بولسا ، ئۇنى ماركا تەكشۈرۈش سېستىمىسى تەكشۈرەلمەيدۇ ، ئوخشاش ماركىنى باشقا بىركىشى سىزدىن 1 كۈن بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان بولسا ، سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز قايتۇرۇلۇپ، ئاشۇ كىشىنىڭ ئىلتىماسى قۇبۇل قىلىنىشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا ماركىنىڭ مەنىسى ، يېزىلىشى ، شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان بولسا ، ماركا ئاشكارا ئۇقتۇرۇش مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ ، قانۇن تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان بولسا ، سىزنىڭ ماركىنى رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىڭىز قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن .ئۇنىڭدىن باشقا ، ماركا ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ باھاسى ۋە قارارىمۇ سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ تەستىقلىنىش ياكى تەستىقلانماسلىقىغا بىۋاستە تەسىرى بولۇشى مۈمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، «ماركا رويىخەتكە ئېلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىمەن، رويىخەتكە ئېلىنمىسا پۇلىڭىزنى قايتۇرىمەن» دىيىش «پۇلىڭىزنى ئېلىۋالساملا ، سىز بىلەن كارىم يوق» دىگەن بىلەن ئوخشاش .
5. ماركا رويىخەتكە ئېلىنماي قايتۇرۇۋىتىلسە ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئۈچۈن تاپشۇرغان پۇل قايتۇرۇلامدۇ ؟
جاۋاپ : دۆلىتىمىزدە پەقەت بېيجىڭدىلا ماركا رويىخەتكە ئېلىشنى دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى بىجىرىدىغان بولۇپ ، بارلىق ماركا ۋەكالەتچى ئورۇنلىرى ماركا رويىخەت ئىلتىماسىنى سۇنغاندا رويىخەتكە ئېلىش ھەققىنى بىرلا قېتىمدا دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسىغا تاپشۇرىدۇ ، ئەگەر ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى قايتۇرۇلسا ياكى مەغلۇپ بولسا ، دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسى ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ياكى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا بىر پۇڭنىمۇ قايتۇرمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، سىزگە ماركا رويىخەتكە ئېلىپ بىرەلمىسەم پۇلىڭىزنى قايتۇرىمەن دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىپقىزىل ئالدامچى . ئىنساپ ۋە ۋىجدانى بىلەن ئىش قىلىدىغانلار ھەرگىز ئۇنداق دىمەيدۇ ، بەلكى، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئېلىشتىن ئىلگىرى سىزگە ھەممە گەپنى ئۇچۇق ئەسكەرتىدۇ ۋە يول كۆرسىتىدۇ ، سىزنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن توسىدۇ ، لىكىن ، ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ پەرىزى ياكى قارارى بەزىدە توغرا چىقماي ، ئۇلار ئالغىلى بولمايدۇ دىگەن ماركا ئېلىنىپ قېلىشى ، چوقۇم ئالغىلى بولىدۇ دىگەن ماركا چىقماي قېلىشىمۇ مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ، بەزىدە ئازراق بەدەل تۆلىمەي بىر ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشمۇ مۈمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئىشەنچلىك ماركا ۋەكالەتچى ئورۇنلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، ياخشى تەكشۈرۈپ ، تەۋەككۈل قىلىشمۇ ياخشى نەتىجە بىرىدۇ . ئىككىلىنىپ ئولتۇرسىڭىز باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويىشىڭىز مۇمكىن .
6. ماركا ئوڭۇشلۇق رويىخەتكە ئېلىنغاندىن كىيىنكى ئىشلىتىش مۇددىتى قانچىلىك ؟
جاۋاپ : ماركا رويىخەتكە ئېلىنغانلىق كىنىشكىسى چىققان ۋاقىتتىن باشلاپ 10 يىل بولىدۇ ، 10 يىلدىن كىيىن داۋاملىق ۋاقتىنى ئۇزارتمىسىڭىز ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى بىكار قىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ماركىڭىزنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىغا دىققەت قىلىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تالىشىپ رويىخەتكە ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ .
7.  شىركەت نامىنى چوقۇم ماركا شەكلىدە ئىلتماس قىلشى كىرەكمۇ ؟
جاۋاپ : شىركەت نامى بىلەن ماركا باغلىنىشلىق ۋە پەرقلىق بولىدۇ . شىركەت نامىنى سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا تىزىملىتىسىز ، چوقۇم ماركا شەكلىدە رويىخەتكە ئالدۇرۇش ھاجەتسىز ،ئەلۋەتتە، سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىمۇ شىركەت نامىنى تىزىملاتقاندا سېستىمىدىن تەكشۈرۈپ ، شىركەت نامىنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ماركا بولسا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى باشقا ئورۇنلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بەلگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ، شىركەت نامىنى ماركا شەكلىدە رويىخەتكە ئالدۇرۇشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ، لىكىن ، بۇ ھەرگىزمۇ شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن ماركا بولۇش كىرەك ياكى ماركا بولسىلا شۇ نامدا شىركەت قۇرۇشقا بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس، بۇ ئىككىسىنىڭ باغلىنىشى ۋە پەرقىنى ئېنىق بىلىۋېلىش كىرەك .
8. ماركىنى چوقۇم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئارقىلىق رويىخەتكە ئېلىش كېرەكمۇ ؟
جاۋاپ : ماركىنى رويىخەتكە ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ماركا ئىشلىرى ئىدارىسى تىجارەت زالىغا بېرىپ بىۋاستە ئىلتىماس ماتىرىياللىرىڭىزنى سۇنۇش ئارقىلىق بېجىرسىڭىزمۇ ياكى ئىشەنچلىك ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق بىجىرسىڭىزمۇ بولىدۇ . دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى تور بېكىتىگە كىرسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرەلەيسىز . «ماركا رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى »نىڭ 4- تارمىقىدا ، «ماركا رويىخەتكە ئېلىشنى توردا ئىلتىماس قىلىشتا ئەنگە ئېلىنغان ماركا ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش كىرەك » دەپ بەلگىلەنگەن .
باشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچى قېرىنداشلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلار داۋاملىق مۇشۇ تېمىدا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرىلىدۇ، سىلەرنىڭمۇ مۇشۇ توغرىسىدا ئېنىق بولمىغان مەزمۇنلار توغرىسىدا سورايدىغان سۇئال بولسا بىۋاسىتە مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ياكى تېلېفون ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز !
تېلېفون، ئۈندىدار: 15999114171

ئىگىلىك تورى- ئۈرۈمچى ئەلبەھىر سودا چەكلىك شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مۇلازىمەت تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، سىزنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ، مۇقىم بولغان ماركا رويىخەتكە ئېلىش ، ماركا نامىنى ئۆزگەرتىش ، ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق كەسىپلەر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-25 21:11:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
ۋاقتى: 2016-8-27 00:26:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ماركىنىڭ ئىشلىتىگەن ياكى ئەمەسلىكىنى توردىن قانداق سۈرۈشتۈرىمىز؟ ماركا تورىغا كىردىم ، بولمايدىكەن .

باھا سۆز

ماركا خەلقئارالىق يېزىق ئىنگىلىزچە ياكى دۆلەت يېزىقى خەنزۇچە شەكىلدە ئىناۋەتلىك تەكشۈرگىلى بولىدۇ ۋە ئېتىر  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-8-28 12:14
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-8-28 12:14:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈرچى يوللىغان ۋاقتى  2016-8-27 00:26
ئۇيغۇرچە ماركىنىڭ ئىشلىتىگەن ياكى ئەمەسلىكىنى توردىن  ...

ماركا خەلقئارالىق يېزىق ئىنگىلىزچە ياكى دۆلەت يېزىقى خەنزۇچە شەكىلدە ئىناۋەتلىك تەكشۈرگىلى بولىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەت يېزىقلىرى شەكىل دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يېزىقنى تەكشۈرگىلى بولمايدۇ. ناۋادا تەكشۈرۈش توغرا كەلسە ماس ھالدىكى پىنيىنچە يېزىلىشى ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە يېزىلغان خەنزۇچە يېزىق ۋە بىۋاسىتە خەنزۇچە تەرجىمىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئارقىلىق تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك.

باھا سۆز

كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ماركا توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ماركا تەكشۈرۈشتىن تارتىپ قانۇنلۇق  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-8-28 12:17
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-8-28 12:17:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
igilik يوللىغان ۋاقتى  2016-8-28 12:14
ماركا خەلقئارالىق يېزىق ئىنگىلىزچە ياكى دۆلەت يېزىقى ...

كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ماركا توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ماركا تەكشۈرۈشتىن تارتىپ قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا ئۆلچەملىك تەكشۈرەلمەي كىيىنكى ئىشلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە ... شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش، تەكشۈرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا كەسپىي ئورۇنلاردىن مەسلىھەت سورىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ناۋادا خالىساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار مەن ماركا ئەنگە ئالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلاردا تەپسىلىي مەسلىھەت بېرىشكە تەييارمەن.

باھا سۆز

ھەئە ، ئېنگىلىزچە ھەرىپ بىلەن تەكشۈرالىدىم . ئەنگە ئالدۇرۇشتا مەسىلەن : igilik بىلەن IGILIK بىر ماركا دەپ قارىلامدۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-8-28 13:05
ۋاقتى: 2016-8-28 13:05:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
igilik يوللىغان ۋاقتى  2016-8-28 12:17
كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ماركا توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى تولۇ ...

ھەئە ، ئېنگىلىزچە ھەرىپ بىلەن تەكشۈرالىدىم . ئەنگە ئالدۇرۇشتا مەسىلەن : igilik بىلەن IGILIK بىر ماركا دەپ قارىلامدۇ ؟ (ئوخشاش ساھەدە)

باھا سۆز

پىنيىنچە يېزىلىشى چوڭ - كىچىك ھەرپ بىر ، مەنا ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا پەرقى يوق دەپ قارىلىدۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-8-29 16:28
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-8-29 16:28:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈرچى يوللىغان ۋاقتى  2016-8-28 13:05
ھەئە ، ئېنگىلىزچە ھەرىپ بىلەن تەكشۈرالىدىم . ئەنگە ئا ...

پىنيىنچە يېزىلىشى چوڭ - كىچىك ھەرپ بىر ، مەنا ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا پەرقى يوق دەپ قارىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-17 17:57 , Processed in 0.322948 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش