تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 0

كارخانا روھى دېگەن نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-21 09:03:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كارخانا روھى دېگەن نىمە؟

ئادەمنىڭ روھى بولىدۇ. روھ دېگەن ئېتىقاد ياكى ئىدىيە جەھەتتىكى ئىزچىللىق. ئۇنداقتا كارخانىنىڭمۇ روھى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە. زامانىۋى ئىقتىساد ئىلمىدە كارخانىنىڭ ئادەملىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە تەشكىلات ئىكەنلىكى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئەھۋالدا، كارخانىنىڭ ئادەمگە ئوخشاش مۇستەقىل روھقا ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىش ئارتۇقچە ئىش بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى داڭلىق باشقۇرۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسى توماس پېتىرىس مۇنداق دەيدۇ:
— بىر ئۇلۇغ تەشكىلاتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئەڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى، شەكلى ياكى باشقۇرۇلۇش ماھارىتىگە ئەمەس، بەلكى بىز ئېتىقاد دەپ ئاتايدىغان تەشكىلات روھىنىڭ قۇدرىتىگە ھەمدە شۇ روھنىڭ تەشكىلاتتىكى بارلىق ئەزالارنى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باغلىق.
كارخانا روھى — زامانىۋىلىق ئېڭى بىلەن كارخانا خاسلىقىنىڭ بىرلىشىشى ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان، كارخانا ئەزالىرىنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىنى كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان، كارخانا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان كوللېكتىپلىق روھ، كوللېكتىپلىق قىممەت قارىشى.
رىقابەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ رىقابىتى بولۇپلا قالماي، ئىدىيىۋى تونۇش، دۇنيا قاراش، كېلەچەك ئىستىقبالى قاتارلىق تەرەپلەرگىچە كېڭىيىۋاتىدۇ. يەنى ساھە، كارخانا ياكى مەھسۇلاتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي قىممىتى بىر ياقتا قايرىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى يەنى كېلەچەك قىممىتى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال پۇل – مۇئامىلە، ئاكسىيە، قەرەللىك مال قاتارلىق مەۋھۇم ئىقتىساد ساھەسىدە كەڭ ئومۇملاشقاندىن سىرت، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مۇلازىمەت، ئۇچۇرچىلىق قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىساد ساھەلىرىدىمۇ ناھايىتى تېز كېڭىيىۋاتىدۇ. ئومۇمەن، كارخانا ئۈچۈن ساھە، تېخنىكا ياكى مەھسۇلاتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى توغرا مۆلچەرلەش ئۇزاققا پايلايدىغان يادرولۇق رىقابەت ئىمكانىيىتى يارىتىشتىكى  ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
بازار ھامان داۋالغۇش ئىچىدە ھەرىكەتلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىل تۈزۈمدىكى كارخانا بولسۇن، كارخانا پائالىيىتى ھامان ئادەمنىڭ كونتروللىقىدا بولىدىغان بولغاچقا، كارخانىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدا خەۋپ – خەتەرگە دۇچ كەلگەندە ۋەھىمە – ساراسىمگە چۈشۈش، پايدا – مەنپەئەتكە يولۇققاندا ئاچ كۆزلۈك قىلىشتىن تولۇق ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىككى خىل روھىي ھالەت كارخانىچىنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە يېڭىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىللاردىن بولۇپ، پەقەت تىجارەت ئېتىقادى، كوللېكتىپنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان كېلەچەك قارىشىلا كارخانىچىنى خەۋپ – خەتەرگە دۇچ كەلگەندە ۋەھىمە – ساراسىمگە چۈشۈش ياكى پايدا – مەنپەئەتكە يولۇققاندا ئاچ كۆزلۈك قىلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ يەردە دېيىلگەن تىجارەت ئېتىقادى ۋە كوللېكتىپنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان كېلەچەك قارىشى دەل كارخانا روھى جۈملىسىدىندۇر.
كارخانىچى ياكى كارخانا رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا نىسبەتەن، كارخانا روھى ئۇلارنىڭ دۇچ كەلگەن خەۋپ – خەتەر ياكى يولۇققان پايدا – مەنپەئەتكە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئاق – قارىنى ئېنىق پەرق ئېتىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
كارخانا خادىملىرىغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ قەلبىنى كارخانىغا باغلاپ تۇرىدىغان بىرىنچى ئامىل ئىش ھەققى بولسا، ئىككىنچى مۇھىم ئامىل دەل كارخانا روھىدۇر. بىلىش كېرەككى، گەرچە خادىملار كارخانىغا ياللىنىشتا ئەجرىگە لايىق ئىش ھەققىگە ئېرىشىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، پۇل بىلەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى باغلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خادىملارنىڭ ئۆزى كارخانىدا بولغان بىلەن كۆڭلى باشقا جايدا بولۇپ قالسا، ئەلۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. خادىملارنى خۇددى كارخانىنىڭ پايچىكى ياكى شېرىكىدەك ئاكتىپ روھىي كەيپىياتتا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەشكە يېتەكلەشتە، ئىش ھەققى تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش، تۇرمۇش پاراۋانلىقىنى ياخشىلاشتىن باشقا يەنە خادىملارنىڭ قەلبىنى كارخانا روھى بىلەن مايىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كارخانىدا بارلىق ياكى زور كۆپ سانلىق خادىملارنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، كېلەچەككە بولغان ئارزۇ – ئۈمىدى ۋە كوللېكتىپلىق قەدىر – قىممىتى تولۇق نامايان قىلىنىدىغان كارخانا روھى بولغاندىلا، كارخانىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى ئاسانلاپ قىلىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا خېرىدار، ئىستېمالچىغا نىسبەتەن كارخانا روھىنىڭ قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بازار تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دۇنياغا داڭلىق كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى بولغان ئامېرىكا مەككىنسىي شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەھەرلەردىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىغا نىسبەتەن، %78 ئىستېمالچى بازاردىن مال سېتىۋالغاندا باھا ئامىلىغا قارىغاندا كارخانا ئىناۋىتى، مەھسۇلات سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ قارار چىقىرىدىكەن. يېمەكلىك ئىستېمالىدا بۇ نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ %93 كە يېتىدىكەن. دېمەك، كارخانا ئىناۋىتىنىڭ ئاساسى، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تاشقى ئامىلى بولغان كارخانا روھى باھا ئامىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىستېمالچىنىڭ مال سېتىۋېلىش ھەرىكىتىگە پىسخىك جەھەتتە قوماندانلىق قىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم كوزىر ئىكەن. يەنى، كارخانا روھى قانچە ئالىيجاناب بولسا، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. كارخانىنىڭ ئىناۋىتى يۇقىرى بولسا، خېرىدار، ئىستېمالچىلار مەھسۇلاتنىڭ باھاسى سەل يۇقىرى بولۇپ قالسىمۇ قوبۇل قىلالايدىكەن.
يۇقىرىدىكىلەردىن كارخانا روھىنىڭ كارخانىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس. خوش، كارخانا روھى نەدىن كېلىدۇ؟ ئۇنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ قانداق كارخانا روھى كارخانا تەشكىلاتىغا ھەقىقى نەپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟
جەمئىيەتكە نەزەر سالساق، كارخانا روھىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە كاللا قاتۇرىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. ئەمما كارخانا روھى بەرپا قىلىشتا قايمۇقۇپ قالغانلارمۇ يوق ئەمەس.  بەزى كارخانىچىلار كارخانا روھىنى «بىر – ئىككى جۈملە شوئار» دەپ تونۇپ، ئېغىزغا ئاسان كېلىدىغان، چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، دەبدەبىلىك سۆز – ئىبارىلەرنى قۇراشتۇرۇشقا ئالدىرايدۇ. يەنە بەزىلەر كارخانا روھىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئالىم – ئۆلىما، يازغۇچى – شائىر ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كارخانا ئەمەلىيىتى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق بىر – ئىككى جۈملە «پاساھەتلىك» سۆز – ئىبارىلىرىنى قىممەت پۇلغا سېتىۋالىدۇ. بەزى كارخانىلار «كارخانا روھى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان سۆز – ئىبارىلەر لوگىكا، مەنتىقە جەھەتتىلا خاتا. يەنە بەزى كارخانىلارنىڭ «كارخانا روھى» دا ھېچقانداق خاسلىق يوق. ئومۇمەن، كارخانا روھى بەرپا قىلىمىز دەپ بىھۇدە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن كارخانىلار ئاز ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، كارخانا روھىنىڭ نېمىلىكىدىن خەۋەرسىز يۈرگەن «كارخانىچى» لارمۇ ئاز ئەمەس تېخى.
خوش، ئۇنداقتا كارخانا ئۈچۈن شۇنداق يۇقىرى ئىجتىمائىي قىممەت شەكىللەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان كارخانا روھىنى نەدىن ئىزدەيمىز؟
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قىيىن دېسەك سەل قىيىن، ئاسان دېسەك بەكمۇ تەس ئەمەس. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق، توغرا چۈشەنسەك، ھەل قىلىشنىڭ يولىنىمۇ تاپالىشىمىز مۇمكىن. شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، كارخانا روھى چوقۇم كارخانا ئەمەلىيىتىدىن كېلىشى، كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىنى بىۋاسىتە يېتەكلىيەلەيدىغان ھەمدە كارخانا كوللېكتىپىنىڭ ھەمكارلىق ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان، كارخانا ھەرىكىتىنى چەكلىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. تۆۋەندە دۇنيادىكى بىرقانچە داڭلىق كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن يەكۈنلەنگەن كارخانا روھىغا قاراپ باقايلى:
(1) ئامېرىكا IBM شىركىتنىڭ كارخانا روھى — IBM نىڭ ئۆزى مۇلازىمەت، خېرىدارغا ئېرىشكەنلەر جاھانغا ئېرىشىدۇ
كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار ئىچىدە IBM نى بىلمەيدىغانلار يوق دىيەرلىك. IBM نىڭ تولۇق ئاتىلىشى «خەلقئارالىق سودا ماشىنىلىرى شىركىتى» بولۇپ، 1911 – يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان. ھازىرقى باش شىتابىمۇ نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ ئامونك شەھىرىدە. IBM دۇنيادىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى 160 دۆلەت ۋە رايوندا سېتىلىدۇ. IBM نىڭ ھازىرقى ئىشچى –  خىزمەتچىسى 300 مىڭدىن ئاشىدۇ. كومپيۇتېر يوق چاغدا بۇ كارخانا خەت بېسىش ماشىنىسى ياساش – سېتىشنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان. كومپيۇتېر كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، كوميۇتېرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنى ياساش – سېتىش IBM نىڭ ئاساسلىق كەسپىگە ئايلانغان. تېخىمۇ ئېنىقراق دېسەك، IBM ئىنسانلارنىڭ قەلەمدە خەت يېزىش ئاۋارىچىلىقىنى ئازايتىپ، خەت بېسىش ماشىنكىسىنى دۇنياغا كېڭەيتكەن، كېيىنكى چاغلاردا كومپيۇتېرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ بىرى. IBM نىڭ قۇرغۇچىسى توماس ۋاتسون 1915– يىلى «كارخانىنىڭ ئۆزى مۇلازىمەت، خېرىدارغا ئېرىشكەنلەر جاھانغا ئېرىشىدۇ»  دەيدىغان تىجارەت ئەقىدىسى، يەنى كارخانا روھىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇ خىل روھ IBM نىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى تارىخىدا ئىزچىل تۈردە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تەكىتلىنىپ كەلگەن بولغاچقا، IBM بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىگەن.
سودا ساھەسىدە «خېرىدار — ئىلاھتىن ئۇلۇغ» دەيدىغان گەپ بار. ئەمما زور كۆپ سانلىق سودىگەرلەر بۇ سۆزنى باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش، خېرىدارنى ئەرمەك قىلىش ئۈچۈن، دەيدۇ ياكى مۇئەييەن مەقسەت – مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىپ دەيدىغانلار ياكى بۇنداق گەپنى دەپ قويۇپ، ئۇنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتەلەيدىغانلار، ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالايدىغانلار كۆپ ئەمەس. IBM مۇشۇنداق بىر خاسلىققا ئىگە كارخانا روھىنى 100 يىل داۋاملاشتۇرمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە IBM دەيدىغان بىر كارخانىنىڭ بار – يوق بولۇشى نامەلۇم سانغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى.
  
(2) ئامېرىكا بوئىن ئايروپىلان شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — بىز ھەربىر ئادەم شىركەتكە ۋەكىللىك قىلىمىز
بويىن شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئايروپىلان ياساش شىركىتى بولۇپ، ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن تۆت ئايروپىلاننىڭ ئۈچى ئامېرىكا بويىن شىركىتىنىڭ دېسەك ئېشىپ كەتكەن بولمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئۆتمۈشتە شۇنداقتى، ھازىرچىمۇ شۇنداق. ئايروپىلان ياساش كەسپى ئىنتايىن نازۇك، پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ كەسىپ بولغاچقا، كىچىككىنە بىر ھالقىدا بىخەستەلىك قىلىنسا، ئىنتايىن زور خەۋپلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، بويىن شىركىتى 160 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى – خىزمەتچىسى ئارىسىدا «بىز ھەربىر ئادەم شىركەتكە ۋەكىللىك قىلىمىز» دەيدىغان كارخانا روھىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. نەتىجىدە بۇ شىركەت ياسىغان ئايروپىلانلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، شىركەتكە ناھايىتى زور ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي قەدىر– قىممەت ئېلىپ كەلگەن.
(3) ياپونىيە كانون شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇنتۇپ قالغاننى كانون دېگىلى بولمايدۇ
1937 – يىلى كانون شىركىتى ياپونىيەدە قۇرۇلغاندا نۇر ئۆتكۈزۈش تېخنىكىسىغا دائىر تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان بىر كىچىك تەتقىقات ئورنى بولۇپ، فوتو ئاپپارات ئۇنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى ئىكەندۇق. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆزىنىڭ كارخانا روھى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرگەن بۇ شىركەن 70 نەچچە يىللىق تەرەققىياتىدا دۇنياغا ناھايىتى كۆپ يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئادەتتىكى قەغەز ئىشلىتىلىدىغان نۇسخا ئالغۇ، پۈركۈمە پىرىنتېر، ئۈچ ئـۆلچەملىك فوتو ئاپپارات قاتارلىق دۇنيادا كەڭ ئومۇملاشقان نۇرغۇن يېڭىلىقلار كانون شىركىتىنىڭ ئەجرى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ئامېرىكا پاتېنت – ماركا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كانون شىركىتى ئىلتىماس قىلغان پاتېنت ئومۇمىي سانى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
بىز مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنى تەكىتلەپ كەلگىلى خېلى بولدى. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يادروسى. تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىغا نەزەر سالساق، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كارخانا تەشكىلاتىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ياكى كارخانىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قىممەت تاپقانلىقىنى بايقايمىز. كارخانا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ ئۇزاققا پايلايدىغان رىقابەت ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشقا سەل قارىغان كارخانىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش بىر قەدەر قىيىن. ئەپسۇسلىنارلىقى، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كارخانىلار ئىچىدە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنى كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئېلىپ ماڭالىغانلار تازا كۆپ ئەمەس. مەن بىلىدىغان نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ يىللىق ئېلان خىراجىتى مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا  يېڭىلاش سېلىنمىسىدىن كۆپ. كانون شىركىتى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، 70 نەچچە يىلدىن بۇيان كۈندىن – كۈنگە زورىيىپ، تەرەققىي قىلىپ كەپتۇ. دۇنيادا كانونغا ئوخشاش تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالقىشلاپ، چەكسىز قەدىر – قىممەتكە ئېرىشكەن كارخانىلار ئىنتايىن كۆپ. كانوننىڭكىدەك مىسالدىن قەدەمدە بىرنى تاپقىلى بولىدۇ. بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇنى ھەممە كارخانىچى ئۆزى ئويلاپ باقسا بولىدۇ.
ئومۇمەن، دۇنيادا چوڭ ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەن كارخانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە شۇ كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى بىۋاسىتە يېتەكلىيەلەيدىغان ھەمدە كارخانا كوللېكتىپىنىڭ ھەمكارلىق ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان، كارخانا ھەرىكىتىنى چەكلىيەلەيدىغان، پەۋقۇلئاددە خاسلىققا ئىگە كارخانا روھى يوشۇرۇنغان. يەنە كۆرۈپ باقايلى:
ياپونىيە نىسسان شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — سۈپەتتىكى مەسىلە كۆڭۈلگە باغلىق.
ئامېرىكا ۋالمارت شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — خادىملار كارخانىنىڭ شېرىكى.
ياپونىيە سونىي شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — مەڭگۈ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەسلىك.
كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلارنىڭ كارخانا روھى ئىنتايىن روشەن خاسلىققا ئىگە. يەككە ھالەتتىكى بىر جۈملە گەپتىنلا كارخانىنى تونۇۋېلىش تەس ئەمەس. ئاندىن قالسا ئۇلارنىڭ كارخانا روھى كارخانا ئەمەلىيىتى، كارخانىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.
ئامېرىكا ئادەمنىڭ ئورنى ۋە قىممىتى ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغان دۆلەت. IBM، بوئىن، ۋالمات قاتارلىق داڭدار كارخانىلارنىڭ كارخانا روھىدىن بۇنداق روھنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ھەممە كارخانىچى شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىشى (ھەرگىز ئېسىدىن چىقارماسلىقى) كېرەككى، كارخانىنىڭ ئاساسى ئادەم. ئادەمنى ئۇلۇغلاش كارخانىنى ئۇلۇغلىغانغا باراۋەر. كارخانىچى ئۆز خادىملىرىنى ئۇلۇغلىسا مەڭگۈ يالغۇز قالمايدۇ. يالغۇز قالمىغاندىلا ئۈمىد ئۈزۈلمەيدۇ، ئىمكانىيەت بولىدۇ. كارخانا خېرىدارنى ئۇلۇغلاشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماي، خېرىدار كارخانىدىن ئالىدىغان مەنپەئەتكە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە بولسا، بۇنداق كارخانا ئۆلمەيدۇ.
ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك، تېجەشلىك بولغانلىقى بىلەن جاھانغا مەشھۇر. يۇقىرىدا مىسال ئېلىنغان كانون، نىسسان، سونىي قاتارلىق كارخانىلارنىڭ كارخانا روھىدا سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى بىۋاسىتە ئىپادىلەنگەن. بۇنداق كارخانا روھىدا كارخانا خادىملىرىنى خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇشقا يېتەكلەش رولى بولۇپلا قالماستىن، ئىستېمالچىلارنىڭ شۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
يەنە بىر مەسىلە، كارخانا روھىدا چوقۇم كارخانىدىكى بارلىق ياكى زور كۆپ سانلىق خادىمنىڭ كېلەچېكىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان ئورتاق ئېتىقاد، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ھالقىغان ئالىيجاناب ئەقىدە بولۇشى كېرەك. بىز يەنە كۆرۈپ باقايلى:
ياپونىيە پاناسونىك شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — سانائەت ئارقىلىق ياپونىيەنى قۇتقۇزۇش.
كوكاكولا شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى قان ئەمەس، بەلكى كوكاكولا.
جۇڭگودىكى داڭلىق كارخانا خەيئېر شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — كەسىپكە ئىشتىياق باغلاپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش.
كورىيە سامسۇم شىركىتىنىڭ كارخانا روھى — ئىختىساسلىق خادىم ۋە تېخنىكىنى ئۇلۇغلاپ، ئەڭ ياخشى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىنسانلار تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش.
بۇ مىساللاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، گەرچە كارخانا يېڭى ئىقتىسادىي قىممەت، پايدا يارىتىش مەقسىتىدە تەشكىللىنىدىغان كوللېكتىپ بولسىمۇ، كارخانىچىنىڭ ئىككى كۆزى پۇلغىلا تىكىلىپ قالسا بولمايدۇ. يەنى كارخانىدا چوقۇم يېڭى ئىقتىسادىي قىممەت، پايدا يارىتىشتىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان ئۇلۇغۋار نىشان، ئالىيجاناب ئەقىدە بولۇشى كېرەك. بۇندىن 100 يىل مۇقەددەم ئامېرىكىنىڭ نېفىت سانائىتىنى كونترول قىلىپ، «دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئادەم»، «كارخانىچىلىقنىڭ پېشىۋاسى» دەپ نام ئالغان داڭدار كارخانىچى جون روكفېللىر ئوغلىغا يازغان خەتتە ئېيتقاندەك:
— نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دۇنياغا كېلىپ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەي كېتىپ قالىدۇ. جاھاندا ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ، پەقەت باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىق، جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىلا ئۇنتۇلمايدۇ. شۇڭا كارخانىچىنىڭ مەرتىۋېسى باشقا نەرسە بىلەن ئەمەس بەلكى، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ئاكتىپ تەسىرى بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك.
دەرۋەقە، كارخانا روھى چوقۇم كارخانىنىڭ پايدا – قىممەت يارىتىش مۇددىئاسىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك. كارخانىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىدىن ھالقىغان ئالىيجاناب ئەقىدىسى بولمىسا، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋىتى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. كارخانا ئۆز مەنپەئەتىنى دۆلەت، خەلق، مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، بەخت – سائادىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىيالىغاندىلا چەكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
كارخانا روھى توغرىسىدا ئاخىرىدا يەنە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە مۇنداق ئىككى مەسىلە بار:
بىرى، كارخانا روھى چوقۇم كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىنىشى، ھەرگىز كارخانىچى تىجارەت  باشلىماي تۇرۇپلا ئوتتۇرىغا چىقىۋېلىپ خادىملارغا بېىسىم قىلىدىغان، كارخانا ئەمەلىيىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان قۇرۇق شوئار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. سۈپەتنى تەكىتلەش، خېرىدارنى ئۇلۇغلاش ياكى ۋەتەننى سۆيۈش تېمىسىدا بىر – ئىككى جۈملە پاساھەتلىك گەپ توقۇش ھەمدە ئۇنى لوزۇنكىغا يېزىپ تامغا ئېسىپ قويۇش ھېچقانچە قىيىن ئىش ئەمەس. ئەمما بۇ بىر ئەخمىقانىلىق. مەيلى ئۇ شوئاردا ئىپادىلەنگىنى قانداق ئالىيجاناب ئارزۇ – ئارمان بولۇپ كەتسۇن، ئەمەلىيەتتە سىنالمىغان ئېتىقاد بىرلىكىنى قوبۇل قىلىش— مەجبۇرلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. كارخانىچى پەقەت ئۆز كۆڭلىگە پۈكۈلگەن ئالىيجاناب غايە، خاسلىققا ئىگە تىجارەت ئەقىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن خىزمەت ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ كارخانا كوللېكتىپى ۋە باشقا خادىملارغا تولۇق ھېس قىلدۇرالىسىلا، ئۆزى تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ ياخشىراق بولغان كارخانا روھىغا ئېرىشىپ قىلىشى مۇمكىن.  
يەنە بىرى، كارخانا روھىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس نەرسە دەپ چۈشەنسەك مۇۋاپىق بولمايدۇ. جاھان كۈندە بىر ئۆزگىرىپ، جەمئىيەت توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرغان ئىكەن، كارخانىمۇ ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا كارخانا روھىمۇ يېڭىلىنىدىغان گەپ. بۇنىڭ ھېچقانداق تەئەججۈپلەنگۈدەك يېرى يوق. يەنى، كارخانىچى چوقۇم كارخانىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋر، تارىخىي باسقۇچتىكى تەرەققىيات ئېھتىياجى ھەم شۇنداقلا دۆلەت، خەلق، مىللەتنىڭ كارخانىدىن كۈتىدىغان ئارزۇ – ئۈمىدىگە ئاساسەن، كارخانا روھىنى ئىستىخىيەلىك ئاساستا ئۆزگەرتىپ، يېڭىلاپ تۇرسا بولىدۇ.
يۇقىرىدا مىسال ئېلىنغان پاناسونىك شىركىتىنىڭ كارخانا روھى ياپونىيە 2– دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولۇپ، چوڭ قىيىنچىلىقتا قالغان تارىخىي شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىققان. پاناسونىك شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش كوللېكتىپى «سانائەت ئارقىلىق ياپونىيەنى قۇتقۇزۇش» تەك ئالىيجاناب روھ بىلەن دۆلەتنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئىرادىسى بار نۇرغۇن ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىنى «پاناسونىك» قا مايىل قىلىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلەتكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كەلگەندە، پاناسونىك شىركىتىگە ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر كارخانىلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەن ياپونىيە ئىقتىسادى قايتا جانلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغاندىن كېيىن، پاناسونىك شىركىتىنىڭ كارخانا روھى: «ئادەمنى ئۇلۇغلاش، يېڭىلىق يارىتىش» قا ئۆزگەرگەن.
شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئامېرىكىنىڭ ياخو شىركىتى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا: «خېرىدار بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىز» دېگەن كارخانا روھىنى تەشەببۇس قىلغان بولسا، شىركەت مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن: «ھەمكارلىقنى ئۇلۇغلاپ، ئاددى بولمىغان ئىشلارنى قىلىش» ئۇنىڭ يېڭى تىجارەت ئەقىدىسىگە ئايلانغان.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-14 06:25 , Processed in 0.270790 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش