تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 0

ئۈچ سىناق سوئالىدىن بىر شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىشقا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-21 09:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۈچ سىناق سوئالىدىن بىر شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىشقا

80-يىللاردا تەۋەككۈل مەبلىغى سېلىشتا بىۋاسىتە سېزىمگە ئىنتايىن تايىناتتى ھەمدە تەلەيگە يارىشا بىر قسىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بازار پەقەت چەكلىك تۈردىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنى قوللايتتى. تەۋەككۈل مەبلىغى بىۋاسىتە تۇيغۇغا تايانسا بولىدۇ، بۇ ئۇلار بارلىق مۇمكىنچىلىككە ئىنتايىن پىششىق بولغانلىقىدىندۇر. شەخسىي كومپيۇتېر ماگنىت دىسكا قوزغاتقۇچى، مەشغۇلات سىستېمىسى ھەمدە نۇرغۇن ئۆزەكلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. لازىم بولمايدىغىنى راكېتا ئالىمدۇر، نۇرغۇن كىشى بۇ نۇقتىنى چۈشىنىدۇ.
نۆۋەتتە، تېخنىكا كەسپى بارغانسېرى ئېچىۋېتىلمەكتە، مەھسۇلات ئىشلەشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمەكتە. ئېرىك رېيىس (Eric Reis) مۇكەممەل ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئابۇنت ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ مەھسۇلات ئىشلىشى كېرەك، ئاندىن تاكى بازارغا ماسلاشقۇچە ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇشى كېرەك. بىۋاسىتە تۇيغۇ ئەمەس بەلكى سانلىق مەلۇمات دەۋر ئالماشتۇرىشىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
تەۋەككۈل مەبلىغىمۇ ئىنچىكە ئۇسۇلنى قوبۇل قىلدى. بىۋاسىتە تۇيغۇ يەنىلا مۇھىم، ئەمما بىۋاسىتە تۇيغۇغا زىيادە تايىنىۋېلىش بىر قىسىم پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مىقدارلاشقان ئۇسۇل بولسا بۇ پۇرسەتلەرنى بايقايدۇ.
مەبلەغ سالغۇچى سانلىق مەلۇماتلارغا سەل قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى ئېھتىمال كاشىلىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇلار ئېھتىمال پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن، پەقەتلا كەلگۈسى مەنزىرىنى ئاساس قىلىپ قارار چىقىرىدۇ. بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىش نىشانىنى تاللىغاندا 5 ياشلىق بالا ناشتىلىق يېمەكلىك تاللىغاندەك تاللايدۇ. ئەڭ قالتىس ئويۇنچۇق ۋە ئەڭ چىرايلىق ئېلان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، لېكىن ئەڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بار ماھىيەتلىك مەزمۇن ئويلاش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.
يوشۇرۇنغان بايلىقنى تېپىش ئۈچۈن، مەبلەغ سالغۇچىلار بىۋاسىتە تۇيغۇ ۋە سانلىق مەلۇمات ئارىسىدا ساغلام تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كېرەك. باھا بېرىلگەن يېڭى ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتكە ئوخشاش، تەۋەككۈل مەبلىغىدىمۇ مىقدارلاشتۇرۇلغان ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك. بۇ نۇقتىنى قىلىش ئۈچۈن Bullpen Capital. مەن ۋە شېرىكىم قارار چىقىرىش جەريانىدا ئۈچ سىناق سوئالى ئىشلەيمىز.
مەن باشقا تەۋەككۈل مەبلىغىنىڭ بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىزنى «ئوغرىلاپ ئىشلىتىشى»دىن ئەندىشە قىلمايمەن. باشقا بىر مەبلەغ سالغۇچى ماڭا: «بۇ ھەقىقىي تەۋەككۈل مەبلىغى قىلىدىغان خىزمەت ئەمەس» دېگەن ئىدى.
ئۆزلىكىڭىزدىن ھۆكۈم چىقارسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ سىناق سوئاللىرى ياخشى ئىجادىيەت ۋە ئەخلەت مەھسۇلاتنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
1.مەھسۇلات راستىنلا بازارغا ماس كېلەمدۇ يوق؟
مەيلى B2B يۇمشاق دېتال تېز مۇلازىمىتى (SaaS)، ياكى بازار سۇپىسى بولسۇن، ياكى ئىستېمال تۈرىدىكى ئەپ بولسۇن، مەھسۇلات بىلەن بازارنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ بولسا «ساختا» مىساللارنى پەرقلەندۈرۈپ چىقىشتۇر.
SaaS مەھسۇلاتىغا نىسبەتەن، بازارغا ماس كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى دائىملىق ئايلىق كىرىم (MRR)، ئابۇنت ئېرىشكەن تەننەرخ، پۇل سورۇش سۈرئىتى ھەمدە ئابۇنت ئۆمرىنىڭ دەۋرىيلىك قىممىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. مىقدارلاشقان ئۇسۇل قوللانغان دەسلەپكى مەبلەغ سالغۇچى كۈتكەن نىشان MRR بولسا 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولغان شىركەتتۇر.
A نۆۋەتلىك مەبلەغ سالغۇچى نىشان شىركەتنىڭ MRRسى 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. «كېيىنكى دەسلەپكى باسقۇچ»تىكى مەبلەغ سېلىشتا، مېنىڭ نىشانىم MRR قىممىتى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەنمۇ يۇقىرىقى باشقا كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق شىركەتكە باھا بېرىمەن.
بازار سۇپسىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى كىچىك، چۈنكى بۇ خىلدىكى شىركەتلەر ئادەتتە ئىستېمال تۈرىدىكى ئەپ ۋە SaaS ئېلېمېنتىنى ھازىرلىغان. تېز مودا دەپ بېكىتىلگەن بازار سۇپىسى Sourceeasy بولسا تىپىك مىسالى. مەزكۇر شىركەت تەمىنلىگەن سۇپا كىيىم ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ماركا سودىگەرلىرى مەزكۇر مۇلازىمەت ئارقىلىق كۆپلىگەن زاۋۇتلاردىكى لايىھەنى باشقۇرىدۇ. دەسلەپكى مەبلەغ سالغۇچىلار 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئومۇمىي سېتىش سوممىسىنى كۈتىدۇ، A تۈردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار 500 مىڭدىن 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇشىنى كۈتىدۇ، مېنىڭ نىشانىم بولسا ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا.
ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش ئەڭ تەس. 5 يىل ئىلگىرى، تەۋەككۈل مەبلىغى ئاساسلىقى چۈشۈرۈش مىقدارىنى باھالايتتى. دەسلەپكى مەبلەغ سالغۇچىلار چۈشۈرۈش سانىنىڭ ئادەتتە بىر مىليون بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، A تۈردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار 10 مىليون بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. نۆۋەتتە، مەن ئابۇنتلارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن. بىر ئەپنىڭ كۈندىلىك ئاكتىپ ئابۇنت سانى، ھەپتىلىك ئاكتىپ ئابۇنت سانى ۋە ئايلىق ئاكتىپ ئابۇنت سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قانچە؟ ئەپنى يېڭى چۈشۈرگەن ئابۇنت ۋە بىر يىل ئىلگىرى چۈشۈرگەن ئابۇنتنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئەگەر بىر ئەپنىڭ ياخشى تەرەققىياتى بار بولسا، ئۇنداقتا ئابۇنتلارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ.
Meerkat دەل «ساختا» مىسالدۇر. 2015-يىلى باھاردا Meerkat ھەقىقەتەن ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغان مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىدى، لېكىن نۆۋەتتە بۇ ئەپ زاۋال تاپتى. سانلىق مەلۇمات يالغان ئېيتمايدۇ. Yo ۋە Secretنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق.
2.كۆرۈپ يەتكىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى مەۋجۇتمۇ يوق؟
مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر يىل ئىچىدە بۇ شىركەت كۆلىمى نىسبەتەن چوڭ A نۆۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى (10 مىليوندىن 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە) تاماملىيالامدۇ يوق؟ ئەگەر بىر كېيىنكى دەسلەپكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش باسقۇچىدىكى شىركەت 9 ئايدىن 12 ئاي ئىچىدە بۇنداق بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى كۈتۈۋېلىشقا ئامالسىز بولسا، ئۇنداقتا ئېشىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولىدۇ.
ئۇنداقتا بىر ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتنىڭ بۇنداق ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە تەرەققىي قىلغان قىلمىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز؟ ئابۇنت ئېرىشكەن تەننەرخ ۋە ئىستراتېگىيەگە قاراپ باقساق بولىدۇ، بۇ ئېشىشىنى بەلگىلەيدىغان قاتتىق شەرتى. ئابۇنت ئېرىشكەن ئەندىزىنى قايتىلىغىلى بولامدۇ يوق؟ تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولامدۇ يوق؟
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇمات ھەمدە ئابۇنتلارغا قالدۇرۇلغان ئانالىز ئارقىلىق، كەلگۈسى 9 ئايدىن 12 ئايغىچە ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتتە قانداق تەرەققىيات بولىدىغانلىقىنى تەخمىنەن ھېسابلاپ چىقالايسىز.
Verblingنىڭ ئەھۋالى دەل شۇنداق. بۇ بازار سۇپىسى، ۋېدىئولۇق پاراڭلىشىشنى ئاساس قىلغان تىل ئۆگىنىش دەرسلىكى تەمىنلەيدۇ. مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى توختام بازىرى، ئەمما ھەق تۆلەپ ئابۇنتقا ئېرىشىش تاكتىكىسىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن. ئۇلارنىڭ كۆلىمى نىسبەتەن چوڭ A تۈردىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، مەن ۋە شېرىكلىرىم ئۇلار بېكىتكەن تەرەققىيات يۆلىنىشىنىڭ كارخانا خېرىدارلىرىنى كۆزلىگەن بولۇشىغا ياردەم بەردۇق.
مەبلەغ سېلىشتىن ئىلگىرى، مەن مەزكۇر شىركەتنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىمنى چوقۇم بىلىشىم كېرەك. ئەگەر پەقەت مۆجىزە يۈز بېرىپ ھەل قىلىنىشىنى ساقلاپ تۇرساق، ئۇنداقتا مەبلەغ سېلىشقا ماس كەلمەيدۇ.
3.باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO)نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىقتىدارى بارمۇ يوق؟
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بىۋاسىتە تۇيغۇ ئىنتايىن مۇھىم. تەۋەككۈل مەبلىغى ئادەتتە مول تەجرىبە، ياخشى سەرگۈزەشتىسى بار ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە مەبلەغ سالىدۇ. لېكىن Bullpenدا يېرىمدىن ئارتۇق مۇۋەپپەققىيەت قازانغان CEOنىڭ يېڭى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. 25 ياش ئەتراپىدا، ئىدىيىسى ئىلغار، زېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش.
بىۋاسىتە تۇيغۇدىن سىرت، مەن يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كۆرسەتكۈچلەرنى قوللىنىمەن. ئالدى بىلەن، ئەگەر CEO ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى توختام بازىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىسا، ئۇنداقتا مەزكۇر شىركەتنىڭ پۇل خەجلەش شەكلىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر يېرىمدىن ئارتۇق خام چوت مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلگەن بولسا، مەن بۇ شىركەتكە دىمىغىمدا كۈلۈپ قويىمەن.
ئىككىنچىدىن، CEOنىڭ ئابۇنت ۋە بازارغا بولغان چۈشىنىشى قانچىلىك؟ CEO بازارنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك، چۈنكى بەلگىلىك دەرىجىدە CEO ئابۇنتلار تېخى بايقىمىغان ئېھتىياجنى قېزىپ چىقىشى كېرەك.
HomeLight ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىسىنى بايقايدىغان سىستېما تەمىنلىدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ CEOسى درېۋ ئۇئېر (Drew Uher) كەسپنى ئىنتايىن چۈشىنىدۇ. ئۇ ئابۇنتلارنىڭ پەقەت ھەق ئېلىپ ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرى تەمىنلەيدىغان ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىرىدىن بىزار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى.
شۇڭا، HomeLight مىقدارلاشقان ئۇسۇل قوللىنىپ ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىسىغا باھا بەردى. كىمنىڭ ئۆي سېتىش سۈرئىتى ئەڭ تېز؟ كىم ياخشى باھادا ساتالايدۇ؟ ئۇلار ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي باھانى قوللىنىپ، ئابۇنت ئىشەنسە بولىدىغان باھا بېرىش ئۇچۇرى ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ كەسپنى چۈشىنىشى بىزنىمۇ ھەيران قالدۇردى.
ئەڭ ئاخىرىدا، بىز يەنە جۈرئىتىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. مەغلۇبىيەت ۋە قىيىنچىلىققا يۈزلەنگەندە، CEO قەتئىي بەرداشلىق بېرەلەمدۇ يوق؟ ئىگىلىك يارىتىش قورقۇنچاق كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ؟
خۇلاسە
پۈتۈنلەي بىۋاسىتە تۇيغۇغا ئاساسەن مەبلەغ سېلىش تەنھەرىكەتچىنىڭ نومۇرىغا ئەمەس بەلكى كىيىمىگە ئاساسەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسىگە ھۆكۈم قىلغانغا ئوخشايدۇ. مەبلەغ سېلىش بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئوخشايدۇ، ھەرخىل ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ. تېخنىكا كەسپىدىكى كۆپۈك بىۋاسىتە تۇيغۇنى زورايتىپ، ئىدراك ۋە لوگىكىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دەل باشقا مەبلەغ سالغۇچىلار ئېيتقىنىدەك، مىقدارلاشقان ئۇسۇل تەۋەككۈل مەبلىغىنىدە ھەقىقىي قوللانغىنى يوق. بىز مۇكەممەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز ھەمدە ئۇسۇلىمىزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز، خۇددى بىز قوللىغان ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتلەرگە ئوخشايدۇ. بىز بىۋاسىتە تۇيغۇ ۋە سانلىق مەلۇمات ئارىسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قىلىمىز. بۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە پايدىلىق ھەم بىزنىڭ مۇقىم تېخنىكا ئېكولوگىيە سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-13 09:52 , Processed in 0.339495 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش