تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 0

✔شىنجاڭ ئابىدە شىركىتىنىڭ لىدېرى ئوبۇل ھەسەن ئەپەندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-11-25 20:15:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
✔شىنجاڭ ئابىدە شىركىتىنىڭ لىدېرى ئوبۇل ھەسەن ئەپەندى
پۇل تېپىش پۇرسىتى ۋە ئىگلىك تىكلەش بىلىملېردىن خەۋەردار بولاي دىسىڭىز             سالونىمىز سىزگە  ھەمراھ،  تىزدىن  سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ


ئوبۇل ھەسەن روزى
ئوبۇل ھەسەن روزى 1982-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 2002-يىلدىن 2005-يىلغىچە شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئابىدە بىيو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، ھازىر شىركەتنىڭ لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

شەخس تارىخى

ئوبۇل ھەسەن روزى ھاجىم يەككە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ تىجارەتكە قىزىققان ھەمدە سودا-تىجارەت توغرىسىدا مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە بولغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىللەردە كارخانا باشقۇرۇش، ئىقتىساد توغرىسىدىكى
بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن
-2006
يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 30 كىۋادىرات مېتىرلىق ئىشخانا بىلەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭ
ئابىدە بىيو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك  شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرغان.

2007-
يىلى ئەتىيازدا تۇنجى بولۇپ «مانگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى» نى شىنجاڭ بازىرىغا سېلىش بىلەن شىركەت تىجارىتىنى باشلىغان. شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە مەھسۇلاتلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە  ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقارغان.
2010-
يىلى 1-ئايدا، خوتەن-جېجياڭ سانائەت باغچە رايونىدا ئابىدە بىيو-تېخنىكا
تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولغان شىنجاڭ خوتەن ئابىدە يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنى (گازلىق ئىچىملىكلەردىن باشقا) دىيارىمىزدا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىشقا خاتىمە بەرگەن.
2013-
يىلى تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ خوتەن شەھىرى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىغا «شىنجاڭ خوتەن ئابىدە ئورالما ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ چىققان.
«مۇنەۋۋەر كارخانىچى»، «ئون مۇنەۋۋەر ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ بىرى» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۈرۈمچى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇسۇسىي كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
-2013
يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، خوتەن ناھىيىسى تەۋەككۇل يېزىسىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، قارا دۆڭ كەنتى ۋە تۈز يايلاق كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچىغا كىيىم-كېچەك ۋە سومكا تارقىتىپ ئىللىقلىق يەتكۈزگەن.
-2014
يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندە ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاھالىلەرگە پۇل، ئۇن ۋە ماددىي بۇيۇم تارقىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ دۆلەتنىڭ ئىشقا
ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە بىر كىشىلىك تۆھپىسنى قوشقان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-17 18:05 , Processed in 0.308995 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش