تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 25|ئىنكاس: 0

ئالاقە تورى ۋە ئەمەلىي ئىقتىساد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2017-11-27 11:43:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئالاقە تورى ۋە ئەمەلىي ئىقتىساد

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزگەن ‹‹مالىيە – ئىقتىساد ساھەسىدىكى يىللىق شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش كېچىلىكى››دە، داليەن ‹‹ۋەندا›› گۇرۇھى چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ جيەنلىن بىلەن ‹‹ئەلى بابا›› تور تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن ‹‹ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەنئەنىۋى سودىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟›› دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ، 100 مىليون يۈەنلىك دو تىكىشكەنىدى. ۋاڭ جيەنلىن سەھنىدە ما يۈن بىلەن بىر ھازا مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن: ‹‹ما يۈن بىلەن بۇ ھەقتە باغلاشتۇق، ئەگەر 2022 – يىلىغا بارغاندا، يەنى ئون يىلدىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق سودا جۇڭگونىڭ پارچە سېتىش بازىرىنىڭ %50ىنى ئىگىلىسە، مەن ما يۈنگە 100 مىليون يۈەن بېرىمەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇ ماڭا 100 مىليون يۈەن بېرىدۇ›› دېگەنىدى. بۇ ئىش شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا كۆپ غۇلغۇلا قوزغىدى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قوللايدىغانلار بىلەن ئەنئەنىۋى سودىنى قوللايدىغانلار ئىزچىل مۇنازىرە قىلىشتى، لېكىن ئىككىلا تەرەپ بىر – بىرىگە قايىل بولمىدى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قوللايدىغانلار ئەنئەنىۋى سودىنىڭ ھامان ئېلېكتىرونلۇق سودىغا ئورۇن بوشىتىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرسا، ئەنئەنىۋى سودىنى قوللايدىغانلار ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئاقار يۇلتۇزدەك يوقاپ كېتىدىغان ۋاقىتلىق ھادىسە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.


ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئالاقە تورى كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، تېخنىكا ۋە كۆلەم جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھىنى مەركەز قىلغان ئالاقە تورى شىركەتلىرى تېز گۈللىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. كۈنسېرى روناق تېپىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەسىرىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە بىر مەھەل دۇكان – سارايلارنىڭ ئىجارە ھەققى تۆۋەنلەيدىغان، سودا ساھەسىدىكىلەر ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغان، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كارخانىلار شەكىل ئۆزگەرتىپ ئالاقە تورىدا تەرەققىيات بوشلۇقى ئىزدەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بىراق، بىر مەزگىلدىن كېيىن ‹‹MINISO››، ‹‹دىكانۇ››غا ئوخشاش يېڭىچە تىجارەت ئېڭى ۋە ئۇسۇلىنى قوللانغان پارچە سېتىش كارخانىلىرى مەملىكەت دائىرىسىدە تېز كېڭىيىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋى سودىنىڭ سېھرىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلدى.

ئۇنداقتا، ئالاقە تورى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد راستتىنلا ئۆزئارا سىغىشمامدۇ؟ ۋاڭ جيەنلىن بىلەن ما يۈننىڭ شۇ قېتىملىق باغلىشىشىدىن كېيىن ‹‹ۋەندا›› گۇرۇھى بىلەن ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. ‹‹ۋەندا›› گۇرۇھى تىجارەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، بىر قىسىم ئالاقە تورى شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالدى ياكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى؛ ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ، تىجارىتىنى ئالاقە تورىدىن سىرت ساھەلەرگە كېڭەيتتى. ئىككىلا تەرەپ رەسمىي ۋە بىرەسمىي سورۇنلاردا ئەينى چاغدىكى دو تىكىشىشنىڭ چاقچاق ئىكەنلىكىنى، ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى كۆپ تەكىتلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئالاقە تورى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد يەككە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىككى شەيئى ئەمەس، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قانداقتۇر بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان مۇناسىۋەت بولماستىن، بەلكى بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان مۇناسىۋەت. ئالاقە تورى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات ئىپادىسى، ئالاقە تورىدىكى ھەرقانداق نەتىجە ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلىدۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئايرىلغان ئالاقە تورى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى يېتىشەلمىسە ئالاقە تورىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىمۇ بولمىغان بولاتتى. ئالاقە تورى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئوپتىك تالانى مىسالغا ئالساق، بۇنى ئەنئەنىۋى ئەينەك شىركىتى ياسىغان. ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئوپتىك تالانى ھەممىدىن بۇرۇن ئامېرىكىدىكى ‹‹كورنىڭ›› شىركىتى ئىشلەپچىقارغان، ئەگەر 1851 – يىلى قۇرۇلغان، ئەنئەنىۋى كارخانا تىپىدىكى ‹‹كورنىڭ›› شىركىتى ئوپتىك تالانى ئىشلەپچىقارمىغان بولسا، بۈگۈنكى دەۋردە ئۇچۇر يەتكۈزۈشتە يەنىلا مىس سىم ئىشلىتىلگەن بولاتتى، بۇنداق بولغاندا ئالاقە تورىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش تۈگۈل، تېلېفون ئالاقىسىمۇ تېخنىكا چەكلىمىسىگە ئۇچرايتتى.

ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى بىلەن سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. ئالاقە تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش يولى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تېخىمۇ ئەرزان خام ماتېرىيال مەنبەسىنى تېپىشى ۋە يېڭى سېتىش يوللىرىنى ئېچىشى ئىمكانىيەتكە ئىگە بولدى. ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ‹‹ئالما›› شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، ‹‹ئالما›› شىركىتى ئىشلەپچىقارغان نۇرغۇن مەھسۇلات، مەسىلەن تۇنجى ئەۋلاد ‹‹ipod››، تۇنجى ئەۋلاد ‹‹ئالما›› يان تېلېفونى دېگەندەك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئالاقە تورىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ باشقا كارخانا، شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان دېتاللارنى بىر جايغا ‹‹جەم قىلىش››نىڭ مەھسۇلى، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ‹‹ئالما›› شىركىتىنى دېتال بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانا، شىركەتلەرنىڭ، ھەم ‹‹ئالما›› شىركىتىگە ۋاكالىتەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ سېتىش، زاكاز قوبۇل قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتكەن.

ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تېخنىكنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى. ئىلگىرىكى دەۋرلەردە يېڭى بىر تېخنىكىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا كېڭىيىشىگە ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى، ئالاقە تورى يېڭى تېخنىكىنىڭ دۇنيادا ئومۇملىشىشىنى تېزلەتتى. مەسىلەن: 1886 – يىلى تۇنجى ئاپتوموبىل گېرمانىيەدە ياسالغاندىن تارتىپ، ئاپتوموبىل ياساش تېخنىكىسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىشىغا بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ۋاقتى كەتكەن، ئەمما ھازىر ئالاقە تورىنىڭ كۈچىدە ھەرقانداق يېڭى تېخنىكا دۇنيا مىقياسىدا ناھايىتى تېز ئومۇملىشىدۇ، بۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ ئىش ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
ئالاقە تورى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد بىر – بىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ھازىر ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ياشلار ئارىسىدا ئومۇملاشتى، ئېلېكتىرونلۇق سودىمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادتىن مۇستەسنا ئەمەس. مال سېتىش ۋە سېتىۋېلىش گەرچە ئالاقە تورىدا يۈز بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، ئامباردا مال ساقلاش ۋە مال چىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ بىر قىسمى. بۇنىڭدىن باشقا، يېمەك – ئىچمەك، غىزالارنى تېز يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئالاقە تورى شىركەتلىرى ھەم يېڭى مودا ئېقىمغا ئايلانغان ‹‹ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت››، ‹‹ھەمبەھرە توكدان›› قاتارلىق ھەمبەھرە ئىقتىساد مەھسۇلاتلىرىمۇ ئالاقە تورى بىلەن ئەنئەنىۋى يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى ۋە باشقا كارخانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلىشىشىنىڭ نەتىجىسى.
  ئالاقە تورى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئالاقە تورى بىر سۇپا، ئەمەلىي ئىقتىساد بۇ سۇپا ئارقىلىق تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولىدۇ، شۇڭا كەلگۈسىدە ئالاقە تورى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد تېخىمۇ زىچ باغلىنىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2017-12-13 09:52 , Processed in 0.292955 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش