تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 108|ئىنكاس: 0

ياشلارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2017-12-11 13:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ياشلارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى
ئوقۇغۇچىلار سۈرەتچىلىكى
ھازىر ھەربىر ئادەمدە كەم دىگەندە بىر تالدىن يانفون بار دىگۈدەك شارائىت ھازىرلاندى، بىراق بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تېلېفوندا چۈشكەن رەسىملەر يوقاپ كېتىدىغان ياكى تېلېفوننىڭ سىغىمى توشۇپ قېلىش سەۋەبلىك ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان رەسىملەرنى نەگە ساقلاشنى بىلەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار بار، خاتىرە رەسىملەر ئەڭ ياخشىسى يۇيدۇرۇپ ساقلاش ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل ھېسابلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا مەكتەپ ئەتراپىدا رەسىمخانا ئاچقاندا مەكتەپنىڭ ھەرخىل تەلەپلىرى بويىچە كېنىشكا رەسىملىرىنى چۈشۈش مۇقەررەر ئېھتىياج. مۇشۇ ئېھتىياجلارنى كۆزدە تۇتۇپ مەكتەپ رەسىمخانىسى ئاچقاندا بۇنىڭ ئىستىقبالىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلاردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش ۋە ئوپچە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇش قاتارلىقلارغا كۈندىن – كۈنگە ئېھتىياج يۇقىرىلاپ ماڭماقتا... سالونىمىزدا مۇشۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر يوللىنىدۇ. كۆرۈپ پايدىلانغايسىلەر...
سالون ئادرېىسى: uyigilik

پىسخىكا مەسلىھەتچىلىكى
رىقابەتكە تولغان جەمئىيەتتە ھەرخىل بېسىملار تۈپەيلىدىن چارچاش ھېس قىلىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىنى ياخشى كونترول قىلالمايدىغانلار خېلى كۆپىيىپ قالدى، دۆلىتىمىزدە زور تۈركۈمدىكى پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى كەمچىل بولىۋاتىدۇ، چەتئەلدىكى پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى يۇقىرى كىرىملىكلەر قاتارىدىن بولۇپ ھەر سائىتىگە 150 ئامېرىكا دوللىرى كىرىم يارىتىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەردە جۈملىدىن شاڭخەيدىكى پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى سائىتىگە 100 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە كىرىم يارىتىدۇ.

سوۋغاتلىق ۋاكالەتچى شىركەتلىرى
ھەرخىل ھېيت بايرام، خاتىرە كۈنلەردە ئۆز-ئارا سوۋغات بېرىش تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. بىراق سوۋغاتلىقنى ئۆز لايىقىدا مۇۋاپىق سوۋغاتلىق بىلەن ۋاقىتنى ياخشى تاللىمىغاندا كۆڭۈلنى ياخشى ئىپادىلىيەلمەيلا قالماستىن چوڭ ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدىغان ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، سوۋغاتلىق تاللاش سوۋغات بەرگۈچىنىڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ، سوۋغاتلىق ۋاكالەتچى شىركەتلىرى سوۋغات تاللاش، ئوراپ قاچىلاش، يەتكۈزۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا كىمگە سوۋغا قىلىش، نىمە ئۈچۈن سوۋغا بېرىش، قانداق سوۋغات بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلغاندا ھەر تەرەپتىن پايدىلىق شارائىت يارىتىلىپ سوۋغات بەرگۈچىگە نىسبەتەنمۇ ئۈنۈملۈك، سوۋغات تاپشۇرىۋالغۇچىغا نىسبەتەنمۇ خوشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا مەخسۇس سوۋغاتلىق بويۇملارنى ساتىدىغان مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە ياخشى بىر سودا پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ.

باشقا سودا تۈرلىرى سالونىمىز ۋە ئىگىلىك تورىدا داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ. ئىگىلىك تىكلىمەكچى ياكى ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز سالونىمىزغا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
سالون ئادرېىسى: uyigilik
timg (6).jpg
timg (5).jpg
timg (4).jpg
timg (3).jpg
timg (1).jpg
timg.jpg
timg (2).jpg

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2018-1-23 09:34 , Processed in 0.362404 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش