تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 0

ئۈندىدار يەنە قالتىس يېڭى ئىقتىدارلارنى چىقاردى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2017-12-20 10:45:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۈندىدار يەنە قالتىس يېڭى ئىقتىدارلارنى چىقاردى

11-دېكابر iOS نۇسخىدىكى ئۈندىدارنىڭ 6.6.0 نەشرى ئېلان قىلىندى، بۇ قېتىم يېڭىدىن ئۈچ خىل چوڭ ئىقتىدار قوشۇلدى، بىرىنچىسى قايتۇرۋالغان ئۇچۇرنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى، ئىككىنچىسى ساقلىۋالغان خاتىرىلەرنى سۈرەت شەكلىدە ساقلاش ھەمدە چەمبىرەككە ھەمبەھىرلەش؛ ئاۋازلىق پاراڭلىشىشنى تېلېفون قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلىش.

1. قايتۇرۇۋالغان ئۇچۇرنى تەھرىرلەش

يېڭى نۇسخىدىكى ئۈندىداردا ئۇچۇرنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن «سىز ئۇچۇرىڭىزنى قايتۇرۇۋالدىڭىز (你撤回了一条消息)» دېگەن خەتنىڭ يېنىدا «قايتىدىن تەھرىرلەش (重新编辑)» دېگەن كۆك رەڭلىك خەت كۆرۈنىدۇ، بۇنى باسقاندىن كېيىن ئەسلىدە قايتۇرۇۋېلىنغان خەتلەر خەت يېزىش رامكىسىدا پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇچۇرنى ئەسلىدىكى ئۇچۇر ئاساسىدا ئۆزگەرتەلەيسىز.

2. ساقلانما (收藏) ئىچىدىكى خاتىرىلەرنى رەسىم شەكلىدە ساقلىغىلى ھەمدە چەمبىرەككە چىقارغىلى بولىدۇ

يېڭى نۇسخىدىكى ئۈندىداردا ساقلانما (收藏) ئىچىدىكى تەھرىرلەش كۆزنىكىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، يېڭىدىن ئىككى كۇنۇپكا قوشۇلغانلىقىنى، يەنى بىرى سۈرەت ھالىتىدە ساقلاش، يەنە بىرى چەمبىرەككە ھەمبەھىرلەش ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.

«چەمبىرەككە ھەمبەھىرلەش» دېگەن بۇ تۈر بىر قولاي ئىقتىدار، «سۈرەت ھالىتىدە ساقلاش» بولسا ئۈندىدارنىڭ بارغانسېرى ئىشلەپچىقىرىش قورالىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەلكىم كېيىنكى كۈنلەردە بىز ئۈندىدار ئارقىلىق باشقا ئىقتىدارلارنىمۇ كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.

3. ئاۋازلىق پاراڭلاشقاندا تېلېفون سىستېمىسىدەك قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ

بۇ قېتىملىق مۇھىم ئىقتىدار بولسا «ئاۋازلىق پاراڭلاشقاندا تېلېفون سىستېمىسىدەك قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ».

بۇرۇنقى نەشرلىرىدە ئاۋازلىق پاراڭلىشىشنى پەقەت ئۈندىدار ئەپ ئىچىدىلا قوبۇل قىلغىلى بولاتتى، بۇ قېتىم يېڭىلانغاندىن كېيىن ئۈندىدارغا ئاۋازلىق ئەسكەرتمە كەلگەندە يانفوندا خۇددى تېلېفون ئۇرغاندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ ھەمدە تېلېفوندەك سايرايدۇ، ئەپسۇس بۇ قېتىملىق ئىقتىداردا سايرىغان مۇزىكىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلمىدى. ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدارنى ئەڭ يېڭى iOS سىستېمىسى قوللىشى كېرەك.

ئەلۋەتتە ئاۋارە قىلىنىشنى خالىمىسىڭىز تەڭشەكتىن «ئاۋازلىق ۋە سىنلىق پاراڭلىشىش تەكلىپى ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش» (接受语音和视频聊天邀请通知) دېگەن تۈرنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
كونكرېت تەڭشەش ئۇسۇلى: مەن (我)- تەڭشەك (设置) - يېڭى ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى (新消息通知) - «ئاۋازلىق ۋە سىنلىق پاراڭلىشىش تەكلىپى ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش» (接受语音和视频聊天邀请通知)نى تاقاش.

ھەر كۈنى 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۈندىداردا تېلېفونلىشىدۇ

تېڭشۈننىڭ «2017-يىللىق ئۈندىدار سانلىق مەلۇماتى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۈندىداردا 205 مىليون ئادەم قېتىم سىنلىق پاراڭلىشىش خاتىرىسى ۋە ئالتە مىليارد 100 مىليون پارچە ئاۋازلىق پاراڭلىشىش ئۇچۇرى خاتىرىلىنىدىكەن، كۈندىلىك ئۇچۇر مىقدارى 38 مىليارد پارچىگە يېتىدىكەن. ئاۋازلىق ۋە سىنلىق پاراڭلىشىشنىڭ ھەر ئايلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك پاراڭلىشىش سانى 19 قېتىمغا يېتىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئادەم 139 مىنۇت پاراڭلىشىدىكەن، بۇ رەقەم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %135 ۋە %114 ئاشقان.

ئۈندىدار ئىشلىتىش قېتىمىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى ئەنئەنىۋى خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىگە بەلگىلىك دەرىجىدە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى، ئۈندىداردا تېلېفونلىشىش قېتىمى قانچە كۆپ بولسا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تېلېفونلىشىش قېتىمى شۇنچە ئاز بولىدۇ، ئۈندىدارىكى 900 مىليون ئىشلەتكۈچىنىڭ بىر ئايدا ئاۋازلىق ياكى سىنلىق پاراڭلاشقان ۋاقتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 125 مىليارد 100 مىليون مىنۇتقا يېتىدۇ، ئەگەر نۆۋەتتىكى مەملىكەتتىكى تېلېفونلىشىش ھەققى 0.1 يۈەن/مىنۇت بويىچە ھېسابلىغاندا، ئىشلەتكۈچىلەر ھەر ئايدا 12 مىليارد 500 مىليون يۈەننى تېجەپ قالىدۇ، بىر يىلدا 150 مىليارد يۈەن بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2018-4-25 20:26 , Processed in 0.311104 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش