تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 0

خېرىدار نىمىشقا قىممىتىنى سېتىۋالدى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2017-12-20 13:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خېرىدار نىمىشقا قىممىتىنى سېتىۋالدى؟
نۇرغۇن تىجارەتچى دوست ئىنچىكە نۇقتىلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن ھەم ئىنچىكە نۇقتىلارغا بولغان تونۇشىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىدىن ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىدىن قۇرۇق قالىدۇ. تىجارەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك سودىسىنى تەكشۈرۈشتىن كۆپ ساندىكى دۇكاندارلارنىڭ سودا ئوبوروتى ئۆرلەش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ نەچچە قۇر چۈشەندۈرۈش سۆزىنىڭ كەم بولغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق. ھەر قېتىم باشقىلارغا بۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە مۇنداق سۆزنى ئاڭلايمەن: «مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى ئەۋزەللىكىنى خېرىدارغا تونۇشتۇرغان ئەلۋەتتە ياخشى. بىراق، بىز سېتىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادەتتىكى ئاممىباپ بولغانلىقتىن، ئۆزگىچىلىكىنى تېپىش بەكمۇ تەس».
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداقمۇ؟ تۆۋەندە سىلەرگە بىر تاللا بازىرىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي. بەلكىم كۆپچىلىك بۇنىڭدىن يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن.
بۇ تاللا بازىرىمۇ باشقا تاللا بازارلىرىغا ئوخشاش مال باھاسىنى مەھسۇلاتنىڭ ئالدى تەرىپىگە چاپلاپ قويىدىغان بولۇپ، قارىماققا باشقا تاللا بازارلىرىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيتتى. تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنىمۇ «تاللا بازىرىمىز ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە خام پىششىق يېمەكلىكلەرنى سېتىشنى ئاساس قىلغان. باشقا تاللا بازارلىرىدىن پەرقلىنىدىغان يېرىمىزمۇ يوق» دېدى. تاللا بازىرىنى تولۇق ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، بىز تىرىك بېلىق ساتىدىغان رايوندا ئىككى خىل كالولابىس بېلىقى سېتىلىدىغانلىقىنى كۆردۇق. ئىككىسىنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا باھاسى يېزىلغان بولۇپ، بىرىنىڭ باھاسى 130 يىن، يەنە بىرىنىڭ باھاسى 150 يىن ئىكەن. بۇ ئىككى باھانى كۆرۈپ كاللامدا نۇرغۇن خىياللار پەيدا بولدى. نىمە ئۈچۈن ئىككى خىل باھانى يېزىپ قويىدۇ؟ قىممەت كالولابىس بېلىقىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ مەن ئەتراپىمدىن مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش يېزىپ قويۇلغان تاختىنىمۇ تاپالمىدىم. ئىككى خىل بېلىق قارىماققا ئوخشاشتەك قىلاتتى. مەن باھاسى ئەرزان كالولابىس بېلىقىنىڭ سېتىلىشى ياخشى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم-دە، خوجايىندىن سورىدىم. پەرىزىم توغرا چىقتى. بۇ ھەقتە خوجايىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق يېزىلاردا پەقەت ئەرزان ماللارلا ئىتتىك سېتىلىدۇ».خوجايىننىڭ بۇ گېپىدىن ئۇنىڭ خېرىدارلىرىنى چۈشەنمەيدىغىنىنى ھىس قىلدىم. قارىماققا ئوخشاش ئىككى خىل بېلىقتىن خېرىدارلار ئەلۋەتتە ئەرزان بېلىقنى تاللايدۇ. سەۋەبى تاللا بازىرى خېرىدارلارغا نىمە ئۈچۈن 150 يىنلىق كالولابىس بېلىقىنى كىرگۈزگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئەسكەرتمىگەن. پەقەتلا باھا تاختىسىدىكى «كالولابىس بېلىقى 130يىن» ۋە «كالولابىس بېلىقى 150 يىن» دېگەن ئەسكەرتىش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىدىكى گۇماننى يوقاتقىلى بولمايدۇ. خېرىدارلار كۆڭلىدە ئىككى خىل باھاغا ئەجەبلەنسىمۇ مال سېتىۋالغاندا ئىككى خىل بېلىقنىڭ پەرقىنى ئىنچىكىلەپ سوراپ يۈرمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى خوجايىن پەقەت باھا ئامىلىنىڭ سەۋەبى دەپ قارىسا، چوڭ بىر پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان بولىدۇ. خېرىدارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېتەرلىك سەۋەب تېپىپ بېرىش كېرەك. بۇ سەۋەبنى تاختىغا ئەسكەرتىپ يېزىش ئارقىلىق خېرىدارلارغا بىلدۈرۈش لازىم. مانا بۇ دۇكاندارلار خېرىدارلارغا يەتكۈزىدىغان ئۇچۇر.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئۇلىنىش قوشوش|قاماقخانا|يانفۇن|رەسىمسىز ھالەت|ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى::维吾尔创业信息网 ( 新ICP备16001454号 )

GMT+8, 2018-4-25 20:27 , Processed in 0.329636 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش